ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇلار تەڭلا لەۋھە تەقدىم قىلدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-27 16:49

 

 

يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بېڭبۇ شەھىرىدە ئوخشاش بىر دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە گۇماندار بىرلا ۋاقىتتا خەلق ساقچىسىغا لەۋھە تەقدىم قىلدى.

ساقچىمۇ تېڭىرقاپ قالغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇنجى قېتىم بۇنداق ئەھۋالغا يولۇقۇشۇم، ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم كۈلگۈم كەلدى».

 

 

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن گۇماندار بىرلا ۋاقىتتا ساقچى ئەترىتىگە لەۋھە ئېلىپ كەلدى

 

 

بۇ يىل 9-ئايدا گۇماندار ليۇ فامىلىلىك شەخسىي ئاپتوموبىلىنى بىر شىركەتكە رەنىگە قويۇپ 80 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت بىكار تۇرۇپقالغانلىقىنى كۆرۈپ، ليۇ فامىلىلىك يەنە پۇل تېپىش نىيىتىگە كەلگەن.

ئارقىدىن ئاپتوموبىلنى بىر گۆرۈخانىغا ھەيدەپ بېرىپ، گۆرۈخانا خوجايىنى سۈي فامىلىلىككە گۆرۈگە قويۇپ يەنە 80 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، رەنىلىك قەرز شىركىتى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەتكەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈي  فامىلىلىك ئاپتوموبىلنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچى جاڭ خاۋ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ليۇ فامىلىلىكنى گۇماندار دەپ جەزملەشتۈرگەن. بىر كۈن ئىز قوغلاش ئارقىلىق ئاخىرىدا گۇماندار ليۇ فامىلىلىكنى تۇتقان.

خەلق ساقچىسى گۇماندار ليۇ فامىلىلىكنى قولغا چۈشۈردى

 

جاڭ خاۋنىڭ زېرىكمەي-تېرىكمەي نەسىھەت قىلىشى ئارقىلىق ليۇ فامىلىلىك نەق مەيداندا خاتالىقىنى تونۇغان ھەمدە ئالداپ ئالغان 80 مىڭ يۈەننى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈي فامىلىلىككە قايتۇرۇپ بەرگەن.

ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، گۇماندار ليۇ فامىلىلىك بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

بۇ ئىشتىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈي فامىلىلىك خەلق ساقچىسىنىڭ ئۇنىڭ زىيىنىنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش، گۇماندار ليۇ فامىلىلىكمۇ خەلق ساقچىسىنىڭ ئۇنى ۋاقتىدا تۇيۇق يولدىن قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئىككىيلەن ئايرىم-ئايرىم لەۋھە ياسىتىپ ساقچى ئەترىتىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ۋىدېيودىكى بۇ كۆرۈنۈش پەيدا بولغان.

ئوخشاش بىر دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە گۇماندار بىرلا ۋاقىتتا خەلق ساقچىسىغا لەۋھە تەقدىم قىلدى.

خەلق ساقچىسى جاڭ خاۋ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈي فامىلىلىك (سولدا) ۋە گۇماندارى ليۇ فامىلىلىك (ئوڭدا) ئېلىپ كەلگەن لەۋھەنى تاپشۇرۇۋالدى.

 

ساقچى: تېڭىرقاپ قالدىم! بۇنداق ئەھۋالغا تۇنجى قېتىم يولۇقۇشۇم، كۆپچىلىكنىڭ قانۇننى چۈشىنىشىنى، قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

جاڭ خاۋ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى شەھەر ئاھالىلىرى ئېلىپ كەلگەن لەۋھەنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇنداق ئەھۋالنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. «ئۇ ئىككىسى لەۋھەنى ئېلىپ بىللە كەلگەندە مەن گاڭگىراپلا قالدىم، ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم كۈلگۈم كەلدى. لېكىن مەمنۇن بولدۇم. گۇماندار ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھېس قىلدى ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قانۇن ئۆگىنىدىغان، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇننى چۈشىنىدىغان پۇقرالاردىن بولايلى!»

تورداشلار: ساقچىلارنى قوللايمىز، جاپا چەكتىڭلار! 

 

تورداشلار بەس-بەستە: «خاتالىقنى بىلگەن ھامان تۈزىتىش، قانۇننى بىلىش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك»، «ساقچىلار جاپا چەكتىڭلار، ئەجىرىڭلارغا رەھمەت» دېيىشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇلار تەڭلا لەۋھە تەقدىم قىلدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟

يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بېڭبۇ شەھىرىدە ئوخشاش بىر دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە گۇماندار بىرلا ۋاقىتتا خەلق ساقچىسىغا لەۋھە تەقدىم قىلدى.