ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-27 17:12

 

 

چەت ئەل تاراتقۇلىرى «جۇڭگو سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى» دەپ داۋراڭ سالدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بۇ قېتىمقى سىناق بولسا بىر قېتىملىق قەرەللىك ئالەم ئۇچقۇسى سىنىقى.

ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» يېقىندا نۇرغۇن خەۋەردار زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز شۇڭغۇما ئۇچقۇلۇق راكېتاسىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى ھەم ئۇنى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ ھۆكۈم قىلدى. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا يەر شارىنىڭ تۆۋەن ئوربىتىسىنى ئايلىنىپ ئۇچالايدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىمۇ بۇنىڭغا كار قىلمايدۇ، بۇ مۇداپىئە سىستېمىسى مۇقىم پارابولا ئوربىتىسىغا ئىگە تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىتا لايىھەلەنگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھەربىي تەرەپنىڭ ئىلگىرىلىشى ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرىنى تەمتىرىتىپ قويدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا باياناتچىمىز جاۋ لىجيەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالدى.

«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىنىڭ كەسمە سۈرىتى

 

جاۋ لىجيەن چەت ئەل تاراتقۇسى مۇخبىرىنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سىناق بىر قېتىملىق قەرەللىك ئالەمگە ئۇچۇش سىنىقى بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ تەكرار ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى دەلىللەشكە ئىشلىتىلىدىكەن، بۇ ئالەم ئۇچقۇسىنى ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا قولايلىق، ئەرزان بولغان بېرىپ-كېلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. دۇنيادىكى نۇرغۇن شىركەتلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەجرىبىلەرنى قىلغان، ئالەم ئۇچقۇسى قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ئايرىلىدىغىنى ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ يۈرۈشلۈك قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۇلار ئاتموسفېرا قاتلىمىغا چۈشۈش جەريانىدا كۆيۈپ پارچىلىنىپ، ئوچۇق دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش يولىدا ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

赵立坚 图源:外交部网站

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدىمۇ؟

چەت ئەل تاراتقۇلىرى «جۇڭگو سۈرئىتى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەردى» دەپ داۋراڭ سالدى،