ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فۇسى يۇقۇم توغرىسىدا يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-27 17:13

 

فۇسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىمىگەن ئاھالىلەر مەزكۇر دۆلەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىشىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ بەشىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ باش داۋالاش مەسلىھەتچىسى ئانتونى فۇسى شۇ يەر ۋاقتى 17-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە تېگىشلىك 66 مىليون ئەتراپىدىكى ئاھالىگە ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملىمىگەن ئاھالىلەر مەزكۇر دۆلەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول قىلىشىغا تەھدىت پەيدا قىلىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ بەشىنچى قېتىملىق يۇقىرى پەللىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

فۇسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىش كېلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈش خەتىرى بار. ئەمما، ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق بۇ خىل خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

فۇسى ماتېرىيال سۈرەت

 

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاھالىلەر ئىچىدە %77 ئادەمگە ئاز دېگەندە بىر قېتىملىق يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن، %67 ئادەمگە ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغان.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فۇسى يۇقۇم توغرىسىدا يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

فۇسى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىمىگەن ئاھالىلەر مەزكۇر دۆلەتنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى كونترول