ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن 2 دوختۇر جازالاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-28 08:25

ئوۋ x قىزىغان بىمارنىڭ كېسىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈپ، 142 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋە 38 ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنماسلىقتەك ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان.

يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ليۇئەن شەھىرى يۈئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ مەھكىمە ليۇئەن شەھىرىدە 13-ماي يۈز بەرگەن يۇقۇمدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماي، قىزىپ قالغان بىمارنى قوبۇل قىلغان جوۋ x بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە داۋالاش ئاپپاراتى ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئوۋ x كە قانۇن بويىچە مۇددەتلىك بىر يىل ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

1. يۈئەن رايونى شىلى دوختۇرخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. يۈئەن رايونى شىلى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جوۋ x قىزىپ قالغان جاڭ xنى  ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ۋاقتىدا ئالدىن تەكشۈرۈپ ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، ئايرىپ كۆزىتىش، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانماي، يۇقۇم كېڭىيىپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ قىلمىشى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپ.

2. كەسپىي ۋىراچ ئوۋ x يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە داۋالاش ئاپپاراتى ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كەسپىي ۋىراچ ئوۋ x ئايالى چىيۈن غەربىي يولىدا ئاچقان «بالىلار ئويۇنچۇقى» دۇكىنى ئىچىدە شىپاخانا تەسىس قىلىپ، قىزىغان جاڭ x نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئوكۇل سېلىپ داۋالىغان، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن.

جاڭ x ليۇئەن شەھىرىدە بۇ يىل 5-ئايدا كۆرۈلگەن يۇقۇمدىكى تۇنجى بىمار بولۇپ، جاۋابكار جۇ x ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جاڭ x نى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان، نەتىجىدە 36 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋە ئالتە ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان، 8-مايدىن 13-مايغىچە يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 165كە، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچى 322 كە كۆپەيگەن.

ئوۋ x قىزىغان بىمارنىڭ كېسىلىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆرۈپ داۋالىغانلىقى ئۈچۈن، 142 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋە 38 ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىغان، 11-مايدىن 13-مايغىچە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن يەنە 59ى، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىدىن يەنە 290ى كۆپەيگەن. ئىگىلىنىشىچە، شۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ليۇئەن شەھىرىدە 8 ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 12گە، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار 5423 كە يەتكەن، 3993 ئادەم مەركەزلىك ئايرىلغان، 14 ئولتۇراق رايون، 492 بىنا، 986 بىنا ئىشىكى تاقالغان، 118 مىڭ 405 ئادەم تەسىرگە ئۇچرىغان.

ئەيىبلىگۈچى ئورگان مۇنداق دەپ قارىغان: جۇ x يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىپ، يۇقۇم تارقىلىشتەك ئېغىر خەۋپنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دەخلى قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

جاۋابكار ئو  x بىمارنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلماي، بىماردىن نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

ليۇئەن شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» ۋە گوۋۇيۈەننىڭ «داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ قاراۋۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن قىزىپ قالغان بىمارلار ۋە زۇكام، قىزىتما قايتۇرىدىغان دورىلارنى سېتىۋالغان كىشىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاپ، دوكلات قىلىپ، «سىگنال بېرىش» رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرگە ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، ساغلاملىق بىخەتەرلىكى مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق، ساختا مەلۇم قىلىش ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك سەۋەبىدىن يۇقۇم تارقىلىش خەتىرى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قىزىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن بىمارنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن 2 دوختۇر جازالاندى

ئوۋ x قىزىغان بىمارنىڭ كېسىلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆرۈپ، 142 يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋە 38 ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنماسلىقتەك ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان.