ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

"تۇرمۇشۇم قاچانمۇ ياخشىلىنار؟"

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-28 08:26

«مەن ئامالسىز قالدىم بالام، راستتىنلا ئېغىر كۈندە قالدىم... »

يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يىچاڭ شەھىرىدىكى بىر موماي يىغلاپ تۇرۇپ قاتناش ساقچىسىدىن: «تۇرمۇشۇم قاچانمۇ ياخشىلىنار؟» دەپ سورىغان سىن كۆرۈنۈشى سانسىزلىغان تورداشلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى.

↓↓↓  

 

 

 

موماي يىغلاپ تۇرۇپ قاتناش ساقچىسىدىن: «تۇرمۇشۇم قاچانمۇ ياخشىلىنار؟» دەپ سورىدى

21-ئۆكتەبىر ئەتىگەن قاتناش بېسىق مەزگىلدە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىسى ليۇ جېڭبىن دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقان بىر موماينى كۆرۈپ قالدى، ئۇ موماي كونا پاسوندىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى ئىتتىرىپ ئاپتوموبىل يولىدا كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە روھىي ھالىتى تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. ليۇ جېڭبىن دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالىنى سورىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ موماي تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى.

«كەچۈرۈڭ، بۇ يولدا ماڭماسلىقىم كېرەك ئىدى، لېكىن ئامالىم يوق بالام، يولدىشىم نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا قازا قىلدى، ئۆيدە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قىز نەۋرەم مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ، ياشاش ماڭا راستتىنلا ئېغىر كېلىۋاتىدۇ... »

پاراڭلىشىش جەريانىدا، ليۇ جېڭبىن موماينىڭ بۇ يىل 70 نەچچە ياشقا كىرگەنلىكى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى رېمونت قىلىپ، يولدىشى ھايات ۋاقتىدا يېپىنغان يوتقاننى يامىماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ جەرياندا، موماي توختىماي ياش تۆكەتتى. ليۇ جېڭبىن ئۇنىڭغا «تۇرمۇشىڭىز ياخشىلىنىپ كېتىدۇ» دەپ تەسەللى بەردى، ئەمما موماي يىغلاپ تۇرۇپ «تۇرمۇشۇم قاچانمۇ ياخشىلىنار؟» دەپ قايتۇرۇپ سورايتتى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ ليۇ جېڭبىننىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى.

«قانداقلا ئىشىڭىز بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ!»

ليۇ جېڭبىن موماينى يول دوقمۇشىغا بىخەتەر ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى، ئەمما زادىلا خاتىرجەم بولالمىدى، ھەم ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا «ئۆيىڭىزگىچە ئاپىرىپ قوياي» دېدى، لېكىن موماي: «سىزگە رەھمەت بالام، سىزگە رەھمەت» دەپ سىلىق رەت قىلدى.

موماي كەتكەندىن كېيىن، ليۇ جېڭبىن خاتىرجەم بولالماي ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يەنە يېتىشىپ باردى، ئۇنىڭ لىفىت يوق كونا قۇرۇلمىدىكى ئولتۇراق بىنادا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كىيىم تىكىش ماشىنىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئەچىقىپ بەردى.

ئايرىلىش ئالدىدا، ليۇ جېڭبىن تېلېفون نومۇرىنى مومايغا بېرىپ: «دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە يول ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىمەن، مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، قانداقلا ئىشىڭىز بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ» دېدى.

بۇ ئىشتىن كېيىن، ليۇ جېڭبىن مومايغا دائىم تېلېفون قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «موماينىڭ مۇقىم پېنسىيە مائاشى بار ئىكەن، شۇ كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشى ئېسىغا كېلىپ كەيپىياتىنى كونترول قىلالماي يىغلاپ كەتكەن ئىدى، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارمۇ ئۇنى يوقلاپ ئۇنىڭدىن ھال سوراپ تۇرىدىكەن.

ھازىر موماينىڭ قىز نەۋرىسىنىڭ كېسىلىمۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى.»

ليۇ جېڭبىن يەنە مۇنداق دېدى: «قاتناش ساقچىسى بولۇشىمىز يول بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ئۇچرىغاندا، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

"تۇرمۇشۇم قاچانمۇ ياخشىلىنار؟"

«مەن ئامالسىز قالدىم بالام، راستتىنلا ئېغىر كۈندە قالدىم... »