ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ دۆلەتتە تۇيۇقسىز تور ئۈزۈلۈپ ھەممە جاي قالايمىقانلىشىپ كەتتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-28 08:26

 بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە تور ۋە خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتە، كورېيەنىڭ سىملىق تور ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى جەھەتتە ئايرىم-ئايرىم بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كورېيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ سىملىق ۋە سىمسىز تور مۇلازىمىتى تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈپ قېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تور ئاز دېگەندە 40 مىنۇت ئۈزۈلۈپ قالغان، ھەرقايسى ساھە ۋە كەسىپلەردە زور قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندىمۇ-يوق؟ بۇ قېتىمقى ۋەقە كورېيە جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

بۇ ۋەقە تۈنۈگۈن چۈشتە كىشىلەر غىزالىنىدىغان، چۈشلۈك پائالىيەت قىلىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاشخانا، قولاي دۇكان قاتارلىق سودا ئورۇنلىرىدا راسچوت قىلىشتا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلگەن، كىشىلەر كارتا ئىشلىتىپ، كود سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىيەلمىگەن، ئەتراپتىكى ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغان. تور ئۇلانمىغاچقا، يول باشلاش دېتاللىرىغا تايىنىپ سەپەر قىلغانلار مەنزىلىگە بارالماي قالغان، تاماق توشۇغۇچى يىگىتلەر نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يول بويىدا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان.

توردا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، كورېيەدىكى 7700دىن ئارتۇق مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇشى تەسىرگە ئۇچرىغان. نۇرغۇن كارخانىنىڭ كەسپىي سىستېمىسىدا مەشغۇلات توختاپ قالغان، دوختۇرخانىلاردا بىمارلار ھەق تاپشۇرۇش، رېتسىپ ئېلىشتا زور قولايسىزلىقلارغا ئۇچرىغان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش مەركەزلىرى ۋاكسىنا ئەملەشنى ئامالسىز توختاتقان، بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ سىستېمىسى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، ئالاقىدار تىجارەتلەر توختاپ قالغان.

ئەسلىدە تۈنۈگۈن چۈشتە ئۆتكۈزۈلىدىغان 26-نۆۋەتلىك سامسۇڭ لوڭقىسى دۇنيا قورشاۋ شاھمات ئاشكارا مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگو ماھىرى بىلەن كورېيە ماھىرىنىڭ مۇسابىقىسى تورنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان.

تور ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، كورېيە تېلېگراف تەرەپ دەسلەپتە بۇنى تور ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىدىن بولدى دېگەن، كېيىن كورېيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ۋەقەنىڭ تور يولىنى خاتا ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلىغان. كورېيە تېلېگراف شىركىتىنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشتە ئەستايىدىل بولمىغانلىقى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت تورىدا يۇقىرىقىدەك خاتا ئۇقتۇرۇشنى چىقارغانلىقىدىن كورېيە جەمئىيىتى ئىنتايىن نارازى بولغان ھەمدە تور بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغان.

كورېيە تېلېگراف شىركىتى تورىنىڭ كەڭ كۆلەمدە پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، 2018-يىلى ئۇنىڭ قارمىقىدىكى بىر شىركەتتە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ سېئۇلدىكى نۇرغۇن رايونلارنىڭ خەۋەرلىشىشى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان، شۇ چاغدا بىر قىسىم ئابۇنتلار تۆلەمگە ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى تور ئۈزۈلۈش ھادىسىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسەتكەن، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ زىيىنى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كورېيەدە بۇنداق ئەھۋالدا تۆلەم تەلەپ قىلىش ئاسان ئەمەسكەن. تور ئىشلىتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئابۇنت ئۇدا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق مۇلازىمەتكە ئېرىشەلمىگەندە ئاندىن تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىكەن، بۇ قېتىمقى تور ئۈزۈلۈش ۋەقەسىدە، ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان رايونلارنىڭ تورى 85 مىنۇتتا ئەسلىگە كەلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامما كورېيە تېلېگراف شىركىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان، تۈنۈگۈن بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى باھاسى بىراقلا چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %2كە يەتكەن. جەمئىيەتتىكى نارازىلىق سەۋەبىدىن، كورېيە ھۆكۈمىتى ئابۇنتلارنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇڭا كورېيە تېلېگراف شىركىتى كېيىن مۇناسىپ تۆلەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ دۆلەتتە تۇيۇقسىز تور ئۈزۈلۈپ ھەممە جاي قالايمىقانلىشىپ كەتتى!

بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە تور ۋە خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.