ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېندىمۇ توك توختامدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-28 10:58

 

 

«پىلانلىق توك توختىتىش توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ئەمەس»

 

يېقىندا، نۇرغۇن جايلاردا ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن توك توختىتىلىپ، توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇلدى. توردىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرمۇ «توك توختاش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان، بۇ توك ئىشلىتىشكە چەك قويغانلىقمۇ؟ 

بۇنىڭغا قارىتا، 28-چېسلا دۆلەت ئېلېكتىر تورى بېيجىڭ شەھەرلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى سىرتقا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توردا تارقالغان پىلانلىق توك توختىتىش ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرى شىركەتنىڭ ئورگان تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان 27-سېنتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە بىر ھەپتىلىك پىلانلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئېلانىدىن كەلگەن. پىلانلىق تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ دائىملىق خىزمىتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش، ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پايتەخت ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، پايتەخت ئېلېكتىر تورىنىڭ تەمىنلىشى يېتەرلىك، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، 27-سېنتەبىر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شاڭخەي ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئورگان مىكرو بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئەھۋال چۈشەندۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، توردا كۆرۈلگەن «27-سېنتەبىردىن 3-ئۆكتەبىرگىچە شاڭخەيدە پىلانلىق توك توختاش ئۇقتۇرۇشى» دېگەن يازمىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېقىندا دۆلىتىمىزدىكى ئايرىم ئۆلكىلەردە توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان. بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنى شىركىتىمىزنىڭ ئورگان تور بېتىگە چىقىرىلغان پىلانلىق توك توختىتىش توغرىسىدىكى ئېلاندىن كەلگەن. پىلانلىق توك توختاش ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تارماقلىرى قانات يايدۇرىدىغان بىر تۈرلۈك ئادەتتىكى خىزمەت، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدە ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، شاڭخەي ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا، شېنجېن توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىلانلىق توك توختىتىش توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۈسكۈنىلەرنى «قەرەللىك تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت. مۇتلەق كۆپ قىسىم پىلانلىق توك توختىتىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىلىرى، توك تارقىتىش ئاپتوموبىلىنى يۆتكەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، «توك توختاتماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئاھالىلەرگە ئاساسەن «تەسىر كۆرسەتمەيدۇ»، پەقەت ئاز بىر قىسىم توك توختاتماي مەشغۇلات قىلىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان رايونلاردا قىسقا ۋاقىت توك توختاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

 

ھازىرقى توك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، 27-سېنتەبىر دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئەڭ يېڭى ئىنكاس قايتۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ توك ئىشلىتىش ئاساسىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجېندىمۇ توك توختامدۇ؟

«پىلانلىق توك توختىتىش توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش ئەمەس»