ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يولدا بۇنداق ئىشلارغا يولۇقسىڭىز ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-24 08:43

 

 

 

 

 

يېقىندا، مەركەز تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغان كوچىدا گەپكە تۇتۇش شەكلىدىكى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىدىكى بىنورمال ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 

بۇ تۈردىكى سىنلاردا، تور رىياسەتچىلىرى يول بويىدا تۇرغان ۋە يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى گەپكە تۇتىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۆزلىرى رۇخسەت قىلمىغان، ھەتتا ھەققى ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تور رىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىنىپ، ئۇلار تورغا چىقىرىدىغان كۆرۈنۈشلەردىكى پېرسوناژلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. 

بېيجىڭنىڭ مەلۇم سودا رايونىدا، بىر تور رىياسەتچىسى يولدىن ئۆتكەن قىزلارنى گەپكە تۇتتى. تور رىياسەتچىسى ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقان پۈتۈن جەريان سىن سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى. يولدىن ئۆتكەن قىزلار رىياسەتچىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۇ قىزلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ، سىنغا ئالغاچ ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە باھا بەردى. 

بۇ خىلدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، تور رىياسەتچىسى ئادەتتە ئاۋات سودا كوچىسى ياكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تاللاپ، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى قوغلاپ سۈرەتكە ئالىدۇ، ئۇلارنى گەپكە تۇتىدۇ، ھەتتا ئۇلارغا ھەر خىل تەلەپلەرنى قويىدۇ. 

بۇنىڭ ئىچىدە بىر تور رىياسەتچىسى بىۋاسىتە كۆرسەتكەن 40 مىنۇتلۇق سىندا، ئۇ 7-8 قىزنى گەپكە تۇتتى. 

بىر قىز رىياسەتچى قارشى تەرەپنىڭ تېخى قۇرامىغا يەتمىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تاپتىن چىققان تەلەپلەرنى قويدى، ھەتتا پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىنى تۇتتى↓

يەنە بىر رىياسەتچى  «تورداشلار ئۈچۈن لايىق تونۇشتۇرۇش» نامىدا قىزىقچىلىق قىلىپ بىر قىزنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۇنى گەپكە تۇتتى. 

يېقىندا، بىر قىز بىلوگىدا بىر سىننى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوغرىلىقچە سىنغا ئېلىنغان كەچۈرمىشىنى بايان قىلدى. ئۇ سىن تارقىتىش سۇپىسىغا ئۆزىنى ئوغرىلىقچە سىنغا ئالغان ھېسابات نومۇرىنى پاش قىلدى، بۇنىڭ بىلەن سۇپا بۇ ھېسابات نومۇرىنى پېچەتلىۋەتتى. لېكىن مەزكۇر سىنغا ئېلىش ئەترىتىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ھېسابات نومۇرى بار بولۇپ، ھەر كۈنى يەنىلا يولدىن ئۆتكەن قىزلارنى سىنغا ئېلىپ داۋاملىق ئېلان قىلدى. ئوغرىلىقچە سىنغا ئېلىنغان ئۇ قىز ۋە ئۇنى قوللايدىغان تورداشلار ئۇلارنىڭ باشقا ئىككى ھېسابات نومۇرىنى كۆپ قېتىم پاش قىلغان بولسىمۇ، باشتىن-ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 

سىن سۇپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسكەرتىشى: 

قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇلارنى گەپكە تۇتۇپ سىنغا ئېلىش ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ! 

21-نويابىر كەچتە، تەھرىر ئىزدەش موتورىغا «گەپكە تۇتۇش» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزۈۋېدى، بەزى قىسقا سىن سۇپىسىدا تۆۋەندىكى ئەسكەرتىش كۆرۈندى: ئەگەر سىنغا ئېلىنغۇچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ سىنغا ئېلىنغان بولسا، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋاللىرى بولسا، سۇپىغا مەلۇم قىلىڭ. 

لېكىن يەنە بەزى سۇپىلارغا شۇ سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدىگەندە، «قىزلارنى گەپكە تۇتۇش»، «قىزلارغا گەپ تاشلاش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەر پەيدا بولدى. 

ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يولدىن ئۆتكەنلەرگە «پاراكەندىچىلىك» سالغان تور رىياسەتچىسى قولغا ئېلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تور رىياسەتچىلىرى كوچا-كويلاردا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش، يولدىن ئۆتكەنلەرنى ئاۋارە قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دېلو ماجىرالىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى. 

2019-يىلى 7-ئايدا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدىكى بىر ئايال تور رىياسەتچى ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، يولدىن ئۆتكەنلەرگە «پاراكەندىچىلىك» سېلىپ سىنغا ئېلىپ بىۋاسىتە تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بۇ ئايالنى «ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق تېرىش» جىنايىتى بىلەن سەككىز كۈن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويغان.  

2020-يىلى 9-ئايدا، مەلۇم تور رىياسەتچى (ئەر) كوچىدا بىۋاسىتە سىنغا ئېلىپ تارقىتىپ، يولدىن ئۆتۈۋاتقان قىزلاردىن سۆيۈشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا مەست بولۇپ قالغان بىر قىزنىڭ ئىزىغا چۈشكەن، بۇنىڭ بىلەن تورداشلار ئۇنى پاش قىلغان. سۇپا ئۇنىڭ ھېسابات نومۇرىنى مەڭگۈلۈك تاقىغان ھەمدە ئۇنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن. 

مۇتەخەسسىس: چەكتىن ئاشقان پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغاندا، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلساق بولىدۇ 

قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك كوچا-كويلاردا ناتونۇش كىشىلەرنى گەپكە تۇتۇش، ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىنى تۇتۇپ پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئەگىشىپ سىنغا ئېلىش، سۈرەتكە تارتىش، ھەتتا ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىش ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ھەتتا ئۇ ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، قارشى تەرەپنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى توردا ئېلان قىلىش قىلمىشلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ئەھۋاللار شەخسنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام-شۆھرەت ھوقۇقى قاتارلىق نۇرغۇن ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدىكەن.

جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى تارقىتىش قانۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئاشكارا سورۇنلاردا كىشىلەرگە بۇنداق پاراكەندىچىلىك سېلىش ئەمەلىيەتتە ئامانلىق جازا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ. پاراكەندىچىلىك چەكتىن ئاشقان بولسا، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغۇچى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋاللارنى ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلغىنى بىر قەدەر ياخشى». 

بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف داشۆسى ئالاقە تورىنى تۈزەش ۋە قانۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى شيې يۇڭجياڭ سۇپىلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ناچار ئۇچۇر ۋە قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنىڭ سۇپىدا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تور سۇپىسىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ناچار ئۇچۇر ۋە قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا يول قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چوڭقۇر قاتلامدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشى سۇپىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشلىق». 

بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇپىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قائىدىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلغان ھېسابات نومۇرى ۋە تور رىياسەتچىلىرىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. 

بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭمۇ تۆۋەن چېكى بولىدۇ، بىنورمال شەكىللەردە سىنغا ئېلىشنى چەكلەش كېرەك!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يولدا بۇنداق ئىشلارغا يولۇقسىڭىز ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ!

يېقىندا، مەركەز تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلانغان كوچىدا گەپكە تۇتۇش شەكلىدىكى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە قىسقا سىن كۆرۈنۈشلىرىدىكى بىنورمال ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.