ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ خىل قەرز ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-25 08:45

 

يېقىندا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ETC تارقىتىش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: 

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو خەلق بانكىسى بەنگۇڭتىڭى، جۇڭگو بانكا  ۋە سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ETC تارقىتىش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت نازارەت (ئىدارە، كومىتېت) لىرى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ شاڭخەيدىكى باش ئورگىنى، ھەرقايسى شۆبە بانكىلار، تىجارەت باشقۇرۇش تارماقلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەر مەركىزىي تارماق بانكىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر مەركىزىي تارماق بانكىسى؛ ھەرقايسى بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىلىرى؛ ھەرقايسى چوڭ تىپتىكى بانكىلار، پاي تۈزۈمىدىكى بانكىلار؛ ھەرقايسى غەيرىي بانكا چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرى؛ جۇڭگو چىقىم راسچوت جەمئىيىتى؛ ھەرقايسى راسچوت ئاپپاراتلىرى :

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى. 2019-يىلىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىلنى توختاتماي تۇرۇپ ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش (ETC)نى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، 2021-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىدىكى ETCنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلىتىلىش نىسبىتى %66تىن ئېشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنىڭ قاتناش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، خەلق ئاممىسىنىڭ تەرەققىياتنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئۆستى. بولۇپمۇ 2021-يىلىدىن بۇيان، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ETC ئىشلىتىش نىسبىتى سىجىل ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ يۈك ئاپتوموبىلى ETC قولاي يول يۈرۈش مۇلازىمىتى ۋە يول يۈرۈش ھەققى ئېتىبار سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى، ETCنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئورنىتىپ ئىشلىتىش ئاكتىپلىقى ۋە ئارزۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لېكىن، قىسمەن رايونلاردا يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ETC بېجىرىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ مۇھىم كۆرسەتمە، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ETCنى بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ETC تارقىتىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز. 

1. پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش. ETC پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا بانكىلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى كونترول قىلىش ۋە بازارلاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا يول يۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىلى ETC ئىناۋەت كارتىسى كەسپىنى بېجىرىشىنى قوللاش كېرەك. سودا بانكىلىرىنىڭ ئاز سوممىلىق قەرز پۇل، بانكا ھېساباتىدا ئالدىن ساقلانغان مەبلەغ قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشىنى قوللاپ، كەسىپ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 

2. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كېپىللىك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قوللاش كېرەك. شارائىت ھازىرلىغان رايونلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۈك تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى، ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرى ۋە يۈك تىرانسپورت سۇپىسى كارخانىلىرى قاتارلىقلارنى يېتەكلەپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ETC بېجىرىشىنى كېپىللىك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كېپىللىك شىركىتى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ كېپىللىك مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ETC بېجىرىشىگە ياردەم بېرىشىنى قوللاش كېرەك. 

3. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇل سەپلەشتەك خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىناۋەت بېرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئابونتلارغا قارىتا، سودا بانكىسى قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، ئىلمىي، مۇۋاپىق، باراۋەر، ئىختىيارىي بولۇش ئاساسىدا ئابونتلار بىلەن كېلىشىپ، ETC يول يۈرۈش ھەققى تۆلەش راسچوت كاپالەت سوممىسى تەسىس قىلىپ، بانكا پۇل سەپلەشتەك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ. ئاپپارات ۋە تارماقلار ئارا ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق، قەرز قالغان ئابونتلارنىڭ ئالاقىدار ھەقلەرنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشىنى ۋاقتىدا ئەسكەرتىش؛ ETCدا قەرز بولۇش قىلمىشىنى ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، يۈك تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

4. تارقىتىش، ئورنىتىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش. ھۆكۈمەت ۋە بازارنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، APP، كىچىك پىروگرامما، ئاممىۋى سۇپا، مۇلازىمەت تور بېكىتى قاتارلىق توردا تارقىتىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئابونتلارنىڭ بېجىرىپ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش كېرەك. ھازىرقى تارقىتىش مۇلازىمەت يوللىرى ئاساسىدا، كۈچ تەشكىللەپ، مەھەللە، كەنت، ماي قاچىلاش پونكىتى، S4 دۇكىنى، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش زاۋۇتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، مۇلازىمەت رايونى، بېكەت، پورت، ئەشيا ئوبوروت رايونى، مال يىغىش-تارقىتىش ئورنى، نورما تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارغىچە كېڭەيتىپ، ئابونتلارنى نەق مەيداندا ئورنىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بولۇپمۇ ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان، يول يۈرۈش ئاستا بولغان ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا نەق مەيداندا تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، ETCنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. 

5. كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇلازىمەت ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. جايلاردىكى قاتناش-تىرانسپورتقا مەسئۇل تارماقلار ئالاقىدار ئورۇنلارغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ETC ئورناتقان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش ھەققىگە بېرىلىدىغان ئېتىبار نىسبىتى %5تىن كەم بولماسلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونىدا ETC ئورناتقان ئاپتوموبىللارنى پەرقسىز ئاساسىي ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ETC تارقىتىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تىجارىتىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن قاتارلىقلارنى ETC ئابونتلىرىغا تېخىمۇ زور ئېتىبار بېرىش ۋە كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھازىر بار بولغان چىقىم قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەكرار ئىشلىتىش شەرتى ئاستىدا، ئىشلىتىش سورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، ئىشلىتىش قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇغلانما نومۇر، ئېتىبار بېرىش، پايدا قايتۇرۇش، قىزىل بولاق قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئابونتلارغا نەپ بېرىپ، ئابونتلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ETC ئورنىتىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. 

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى، خەلق بانكىسى ۋە بانكا-سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش تەشكىللەپ، ئىلمىي، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ETCنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئابونتلار ئۆزى ئىختىيار قىلىش، مۇلازىمەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ETC تارقىتىش ۋە ETC مۇلازىمىتى خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىگىلەپ ساختا ETC تارقىتىشقا، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ETC ئورنىتىش ۋە ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى ئورۇنلار نازارەت قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قىل دېگەننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ETC تارقىتىش مۇلازىمىتى خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. 

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى 

جۇڭگو خەلق بانكىسى بەنگۇڭتىڭى 

جۇڭگو بانكا ۋە سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 

2021-يىلى 3-نويابىر

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ خىل قەرز ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ

يېقىندا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ETC تارقىتىش مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى