ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭ نەنشەن: جۇڭگو دۇنيادىكى يۇقۇملانغۇچى ئەڭ ئاز دۆلەت

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-27 17:35

«تەرەققىيات ۋە تەرتىپ. چوڭ ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇش» باش تېما قىلىنغان 2021-يىللىق جۇڭگو تور تاراتقۇ مۇنبىرىنىڭ  ئېچىلىش مۇراسىمى  25-نويابىر گۇاڭجۇدا  ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇنبەر نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تور تاراتقۇ ساھەسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك يىللىق كاتتا يىغىن.

ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈنگە قەدەر، دۆلىتىمىزدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئەملىگەن ئادەم سانى 1 مىليارد 80 مىليونغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ %76.8نى ئىگىلىدى، بۇ، يىلنىڭ ئاخىرىغىچە %80تىن ئارتۇق ئادەمگە ۋاكسىنا ئەملەش نىشانىغا يېتىش، كوللېكتىپ ئىممۇنىتېتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتايىن ياخشى ئاساس سالدى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: غەرب جەمئىيىتى «شەخسىي ئەركىنلىك»نى تەكىتلىدى، لېكىن بۇ يۇقۇمنىڭ خالىغانچە يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بىزگە لازىملىقى كوللېكتىپ ئەركىنلىكى، جەمئىيەت ئەركىنلىكى، دۆلەت ئەركىنلىكى، پەقەت مۇشۇ ئەركىنلىك بولغاندىلا ئاندىن شەخسىي ئەركىنلىك بولىدۇ، دەل شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگو يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

جۇڭ نەنشەن مۇنداق دېدى: مەن بىر ئاساسىي قاتلام دوختۇرى ئورنىدا تۇرۇپ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتىم، بۇ ئىككى يىلدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش جېڭىدە تور تاراتقۇلىرى ھەقىقىي رولىنى نامايان قىلدى. دۇنيادا ھەرقايسى ئەللەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە پەرقلىق تاكتىكىلارنى قوللاندى، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا تەڭپۇڭلۇقنى قانداق ساقلاش دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن خىرىس، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى تۈزۈشىنىڭ ئاچقۇچى.

2020-يىلى 1-ئايدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش باشلاندى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، مەركىزىي يۇقۇم رايونىنى تېزدىن قامال قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۇقىرى ئېقىنغا قويۇش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر ئايرىش، يېقىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، يۇقۇم تارقالغان دائىرىدە ئومۇميۈزلۈك نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى، بۇ جەرياندا، تور تاراتقۇلىرى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، ئاكتىپ كۈچنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئاڭلىق قاتنىشىشى ۋە ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭ نەنشەن يەنە مۇنداق دېدى: كەڭ كۆلەملىك ۋاكسىنا ئەملەش كوللېكتىپ ئىممۇنىتېتنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى، بىز پۇقرالارنى بۇ ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىساق بولمايدۇ. ئەمما ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىجابىي تەشۋىقاتى، ئىلىم-پەن تەربىيەسى نەتىجىسىدە پۇقرالار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاكسىنا ئەملەتتى. تۈنۈگۈنگە قەدەر ۋاكسىنا ئەملەش ئومۇمىي سانى بىر مىليارد 80 مىليونغا يېتىپ، جۇڭگو نوپۇسىنىڭ %76.8نى ئىگىلىدى، بۇنىڭ بىلەن يىل ئاخىرىغىچە %80تىن ئاشۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىممۇنىتېتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ناھايىتى ياخشى ئاساس سېلىندى.

جۇڭ نەنشەن ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە، بەزى ئاساسىي قاتلام رايونلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئۆلۈك ھالدا قاتلاممۇقاتلام كۈچەيتتى. بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پايدىسىز، تاراتقۇلارمۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، توغرا تەشەببۇسنى تەشۋىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭ نەنشەن: جۇڭگو دۇنيادىكى يۇقۇملانغۇچى ئەڭ ئاز دۆلەت

«تەرەققىيات ۋە تەرتىپ. چوڭ ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇش» باش تېما قىلىنغان 2021-يىللىق جۇڭگو تور تاراتقۇ مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 25-نويابىر گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇنبەر نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تور تاراتقۇ ساھەسىدىكى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ نوپۇزلۇق ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك يىللىق كاتتا يىغىن.