ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دائىر يېڭى پىلان ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-27 17:35

 يېقىندا، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىكتە «بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى (2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە) »نى تارقاتتى.

پىلاندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2025-يىلىغىچە، ئائىلىدە بوۋاققا ئانا سۈتى ئېمىتىشكە دائىر يادرولۇق بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى %70تىن كۆپرەككە، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئانا-بالىلارغا قولايلىق يارىتىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش نىسبىتى %80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ.

پىلاندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:
بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى، تۇغۇت مۇكاپات رۇخسىتى ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئېمىتىۋاتقان بالىسى بىر ياشقا توشمىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەر كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتى ئىچىدە بىر سائەت ئېمىتىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن كۆپ كېزەك تۇغقانلىرىغا ئېمىتىۋاتقان ھەربىر بوۋاققا ھەر كۈنى بىر سائەتتىن ئېمىتىش ۋاقتى قوشۇپ بېرىلىشى كېرەك، ئېمىتىش ۋاقتى نورمال ئەمگەك ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بالا ئېمىتىشى سەۋەبلىك مائاش-پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ياكى ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دائىر يېڭى پىلان ئېلان قىلىندى

يېقىندا، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 15 تارماق بىرلىكتە «بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت پىلانى (2021-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە) »نى تارقاتتى.