ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 91نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-11-27 18:30

10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 91ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2021-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 91ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 97 كىشىگە تەربىيە بېرىلدى، خاتالىقىنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىلدى ۋە مەسىلىلىرى بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىدىن 33ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسىدىن 58ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى؛ 95 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلدى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ كىشىلەر ئىچىدە 2 كىشى نازارەت-ئىدارە دەرىجىلىك، 5 كىشى ناھىيە-باشقارما دەرىجىلىك، 88 كىشى يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك.

تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 91 مەسىلە ئىچىدە، «ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىل دېگەننى قىلماسلىق، ئىشنى قالايمىقان قىلىش، ساختىلىق قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش» ئەھۋاللىرىغا چېتىشلىقى 25، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق قىلىش، بىيۇروكراتلىق قىلىش مەسىلىلىرى ئومۇمىي ساننىڭ %75.8ىنى ئىگىلىگەن؛ «ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا پاسسىپلىق قىلىش، سوغۇق، قوپاللىق بىلەن ئىش بېجىرىش، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇش»قا چېتىىلىدىغان 8 بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %24.2ىنى ئىگىلىگەن. «بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىممەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلات ۋە سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلىش» مەسىلىسىدىن 18ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇ راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسى ئومۇمىي ساننىڭ %31ىنى ئىگىلىگەن، باشقا تۈردىكى مەسىلىدىن 18ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇ راھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق مەسىلىسى ئومۇمىي ساننىڭ %31ىنى ئىگىلىگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىدىن 91نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

10-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 91ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى