ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر بوۋايدىن كەلگەن پوسۇلكا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-12 09:52

 

 

ئىككى كۈندىن بۇيان، گۇاڭشىنىڭ گۇيلىندا ئولتۇرۇشلۇق تاڭ خەيلەن بىر ئالاھىدە چاغانلىق سوۋغات تەييارلىدى، ئۇ بۇ سوۋغاتنى 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭنىڭ قاراماي شەھىرىگە ئەۋەتمەكچى ئىدى، تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ئەزەلدىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان «قۇربان تاغا» ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سوۋغاتنى يوللىشىغا سەۋەب بولغان ئىش 2-يانۋار شىنجاڭدىكى «قۇربان تاغا»دىن كەلگەن بىر پوسۇلكا ئىدى.

ئەسلىدە، تاڭ خەيلەننىڭ ئېرى چاڭ جيابىڭ گۇاڭشى گۇيلىن ساياھەت كوپىراتىپىدا ئىشلەيتتى، 2021-يىلى 3-ئۆكتەبىر ئۇ ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ مەنزىرە گاھلارنى ساياھەت قىلدى. ئۇلار قاراماينىڭ ئورقۇغا كېلىپ چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا چاڭ جيابىڭ سومكىسىنى يول بويىدىكى بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ئۈستىدە ئۇنتۇپ قالدى.

بۇ يىل 2-يانۋار، تاڭ خەيلەن ئويلىمىغان يەردىن شىنجاڭدىن كەلگەن تېز يوللانما پوسۇلكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، پوسۇلكىدىن دەل يولدىشى يىتتۈرۈپ قويغان قول سومكىسى چىقتى.

تاڭخەيلەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: سومكا ئىچىدە ئالما تېلېفون قاتارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار بار ئىدى، ھەممىسىنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بىر پارچە قەغەزمۇ كەم ئەمەسكەن، يەنە تېخى ئىككى بولاق شىنجاڭ نېنىنى قوشۇپ ئەۋەتىپتۇ، ناھايىتى تەسىرلەندىم.

رەسىمدىكى بۇسومكا ۋە ئىككى بولاق ئەتىرگۈل نېنىنى «قۇربان تاغا» يەنى ھوشۇراخۇن قۇربان شىنجاڭدىن ئەۋەتكەنىدى.

بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن ھوشۇراخۇن قۇربان ئىلگىرى ئىزچىل يەر تېرىش ۋە قوي بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاينىڭ ساياھەت ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، يول بويىدا بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ، مەخسۇس سامسا ۋە نان ساتتى. شۇ چاغدا، نان سېتىپ بولغان قۇربان تاغا ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىدىكى سومكىنى بايقاپ قالدى، ئەتىسى سومكىنىڭ ئىگىسى كەلسە بېرىۋېتەرمەن دەپ، سومكىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.

ھوشۇراخۇن قۇربان ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن سومكىنى ئېچىپ، ئىچىدە بىر يان تېلېفون ۋە بىر قىسىم ماتېرىياللارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، ئۇ يىتتۈرۈپ قويغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، خەنزۇچە خەتنى تونۇمىغاچقا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن سومكىنى ساقلاپ قويدى.

2021-يىلى 24-دېكابىر، ئورقۇ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ گەنساۋ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گې شىئېن ھوشۇراخۇن قۇرباننىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئەھۋالنى گې شىئېنغا ئېيتتى.

گېشىئېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھوشۇراخۇن قۇربان ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن مەن سومكىنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون قىلدىم، قارىسام گۇاڭشىنىڭ تېلېفون نومۇرى ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن، سىز دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئورقۇغا كېلىپ باققانمۇ، دەپ سورىدىم. ئۇ ھەئە مەن بارغان، دېدى. بىرەر نەرسىڭىزنى يىتتۈرۈپ قويغانمىدىڭىز دېسەم، ئۇ ئۆمەك باشلاپ بارغان چاغدا سومكامنى يىتتۈرۈپ قويغانىدىم، دېدى. سومكىنىڭ راست ئۇ كىشىنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن سومكىنىڭ ئىچىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى سورىدىم، ئۇ سومكىدا بىر يانفون، زەرەتلىگۈچ، يەنە ئۆمەكنىڭ ماتېرىيالى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇ سومكا سىزنىڭ ئىكەن دېدىم.

ئەتىسى ھوشۇراخۇن قۇربان بىلەن گې شىئېن سومكىنى ئىككى بولاق شىنجاڭ نېنى بىلەن بىللە ئىگىسىگە پوسۇلكا قىلىپ يوللىدى ھەمدە سومكا ئىگىسى بىلەن سىنلىق ئالاقىلاشتى.

چاڭ جيابىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بەك تاسادىپىيلىق ھېس قىلدىم، بەك ھەيران قالدىم، سومكامنىڭ ئىككى ئايدىن كېيىن تېپىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئورقۇ تەرەپتىكى خەلقنىڭ ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى، بولۇپمۇ بۇ ئىشنى چوقۇم ھەربىر ساياھەتچىگە تەشۋىق قىلىمەن، شىنجاڭغا بارغان بارلىق كىشىلەرگە ئاشۇ ئاددىي-ساددىلىقنى، ئالىيجانابلىقنى ھېس قىلدۇرىمەن.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيغۇر بوۋايدىن كەلگەن پوسۇلكا

ئىككى كۈندىن بۇيان، گۇاڭشىنىڭ گۇيلىندا ئولتۇرۇشلۇق تاڭ خەيلەن بىر ئالاھىدە چاغانلىق سوۋغات تەييارلىدى