ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئولىمپىك مىنۇتلىرى»(11)

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-12 17:15

 

«ئولىمپىك مىنۇتلىرى»-«1956-يىللىق كورتىنا دامپېيزو قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى»

7-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1956-يىلى 26-يانۋاردىن 5-فېۋرالغىچە ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىكى كورتىنا دامپېيزودا ئۆتكۈزۈلگەن. ئىتالىيە تۇنجى قېتىم قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن.
  كورتىنا دامپېيزو شەھىرى ئىتالىيەدىكى تاغ ئارىسىدىكى كىچىك بازار بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاران 6000 ئەتراپىدا ئادەم بار ئىدى. لېكىن ئۇ يەر بۇرۇنلا داڭلىق قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزى ئىدى. 1897-يىلى بۇ يەردە قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. 1902-يىلىدىن باشلاپ، مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. 1908-يىلىغا كەلگەندە، قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش مۇسابىقىلىرىدىن باشقا، يەنە چانا تۈرىدىكى مۇسابىقىلەر كۆپەيتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كورتىنا دامپېيزو شەھىرى يېڭى قىياپەت بىلەن ساياھەتچىلەر ۋە قار-مۇز ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان. يېڭى قار-مۇز تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، قاتار-قاتار مېھمانخانىلار قەد كۆتۈرگەن. ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان ۋە قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.
  كورتىنا دامپېيزو شەھىرى قار-مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ساياھەت مۇقەددەس جايى بولۇپ قالغان. بۇ كىچىك بازار يەنە كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى خەلقئارا قار-مۇز مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەن، مەسىلەن، 1927-يىلىدىكى دۇنيا قار تېيىلىش لەۋھە مۇسابىقىسى، 1928-يىلىدىكى خەلقئارا ئىستۇدېنتلار قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 1932-يىلىدىكى دۇنيا ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش لەۋھە مۇسابىقىسى قاتارلىقلار.
  1949-يىلى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ يەرنى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي قىلىپ تاللىغاندىن كېيىن، «كورتىنا دامپېيزو» شەھىرى يەنە نۇرغۇن قىشلىق تەنھەرىكەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ قۇرغان ۋە يېڭىدىن قۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە ئىگە ھەمدە فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ۋە مۇز توپ مۇسابىقىسى ئۈچۈن مەخسۇس تۆت قەۋەتلىك كۆرۈش سۇپىسى، 10مىڭدىن 12مىڭغىچە ئادەم سىغىدىغان چوڭ تىپتىكى مۇز مەيدانى ياسالغان.
  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە 33 دۆلەت ۋە رايون (ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 32سى)، 820 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 132 ئايال تەنھەرىكەتچى، 688 ئەر تەنھەرىكەتچى بار. ئىران، بولىۋىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان؛ گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى كېڭىشىش ئارقىلىق گېرمانىيە بىرلەشمە كوماندىسى تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشقان.
  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە تۈرىگە يەنە ئىككى يەككە تۈر قوشۇلغان: ئەرلەرنىڭ 18 كىلومېتىرلىق قار تېيىلىش تۈرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 15 كىلومېتىر، 30 كىلومېتىرلىق قار تېيىلىشقا ئۆزگەرتىلگەن؛ ئاياللارنىڭ 15 كىلومېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ قار تېيىلىش مۇسابىقىسى قوشۇلغان. تۈر ئومۇمىي سانى تۆت چوڭ تۈر، 24 كىچىك تۈر بولغان.
  بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 24 يەككە تۈر بولۇپ، تېز مۇز تېيىلىشتا ئىككى ئادەم تەڭ چېمپىيون بولغانلىقتىن، جەمئىي 25 ئالتۇن مېدال  تارقىتىلغان.
  مۇز تېيىلىش ساھەسىدىكى يېڭى مېھمان سوۋېت ئىتتىپاقى بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، 7 ئالتۇن مېدال، 3 كۈمۈش مېدال، 6 مىس مېدال ئالغان؛ ئاۋسترىيە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، تۆت ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، تۆت مىس مېدال ئالغان؛ فىنلاندىيە سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاۋسترىيەدىن كېيىن تۇرۇپ، ئۈچ ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۆمۈش مېدال، بىر مىس مېدال ئالغان؛ كۆپ قېتىم قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان نورۋېگىيە كوماندىسى بۇ قېتىم پەقەت يەتتىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئىككى ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدال ئالغان.
  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. بىرىنچىدىن، مۇسابىقە بىر قەدەر ياخشى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلغان، ئىشىك بېلىتى جەمئىي 157 مىڭ پارچە سېتىلغان، پەقەت قار تېيىلىش ۋە تېز مۇز تېيىلىش مۇسابىقىلىرىنى كۆرىدىغان تاماشىبىنلار ئازراق بولغان. ئىككىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ئىلگىرىكى نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مونوپول قىلىۋېلىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئولىمپىك مىنۇتلىرى»(11)

7-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1956-يىلى 26-يانۋاردىن 5-فېۋرالغىچە ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ