ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىدا قەستكە ئۇچرىغان ھېلىقى گۇاڭدۇڭلۇق كىشى ئۆلۈپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-13 15:36

بۇلتۇر ئاپرېلدا، دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان جۇڭگولۇق چياۋمىن بوۋاي كوچىدا تۇيۇقسىز زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇرغۇچى ئۇنىڭ بېشىغا ئالتە قېتىم قاتتىق تېپىۋېتىپ قېچىپ كەتتى. 61 ياشلىق بۇ ياشانغان كىشى ئۆلۈمگە قارشى سەككىز ئاي تىركەشكەن بولسىمۇ، ساقىيالماي قازا قىلدى. لېكىن بۇ خىلدىكى تىراگېدىيە بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالغىنى يوق.

ئامېرىكىدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ما ياۋپەن ئىسىملىك بۇ 61 ياشلىق ياشانغان كىشى 2018-يىلى 10-ئايدا 57 ياشلىق ئايالى بىلەن جۇڭگونىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئىلگىرى گۇاڭدۇڭدا خېمىر تامىقى ئۇستىسى بولۇپ ئىشلىگەن ما ياۋپەن نىيۇيوركتىكى بىر جۇڭگوچە تاماقخانىدىن خىزمەت تېپىپ، ئاشخانىدا خېمىر تامىقى ئىتىپ مەدىكار بولۇپ ئىشلىگەن.

 ما ياۋپەن

بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇرمۇشى بىر ئىزغا چۈشكەن، لېكىن 2020-يىلى ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان يۇقۇم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلغان. ما ياۋپەن ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە ئاشخانا تاقىلىپ قېلىپ، ئۇ ئىشسىز قالدى ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىش (كوچىدا بوتۇلكا يىغىش) ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان.

2021-يىلى 23-ئاپرېل كەچتە، ما ياۋپەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش بوتۇلكا، قۇتا قاچىلانغان قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، نىيۇيوركنىڭ شەرقىي خارلېم رايونىدىكى كوچىدا كېتىۋاتقاندا بىر ناتونۇش ئەر تۇيۇقسىز كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ يەرگە يىقىتىپ، بېشىغا ئاز دېگەندە ئالتە قېتىم قاتتىق تەپكەن، ئاندىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. يېقىن ئەتراپتىكى بىر تېلېكامېرا بۇ قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈشنى تارتىۋالغان.

نەچچە ئون مىنۇتتىن كېيىن، ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى ئورنىدىن تۇرالمىغان ما ياۋپەننى بايقاپ  قىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا، ئۇ ھوشىدىن كەتكەن ئىكەن. دوختۇرخانا ئۇنىڭ باش قىسمىنىڭ ئېغىر زەخىمگە ئۇچراپلا قالماي، يەنە چوڭ مېڭىسىگە قان چۈشكەنلىكىنى بايقىغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، ما ياۋپەن ئېسىنى يوقىتىپ، سۈرەتتىكىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئايالى ئىزچىل ياش تۆككەن ئىدى.

 

نەچچە كۈندىن كېيىن، ما ياۋپەنگە ھۇجۇم قىلغان ئەر قولغا چۈشتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قارا تەنلىك ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ جاررود پوۋېل ئىكەنلىكى، 49 ياشقا كىرگەنلىكى، ئىلگىرى كۆپ قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغاندا، گەرچە ما ياۋپەننىڭ «ئاسىيالىق» ۋە «جۇڭگولۇق پۇشتىدىن بولغان» سالاھىيىتىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ھەمدە بۇنى ئاسىيالىقلارغا قارىتىلغان بىر مەيدان «ئۆچمەنلىك ھۇجۇمى» دەپ گۇمان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما پوۋېلنىڭ «قارا تەنلىك» ياكى «ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق» سالاھىيىتىنى يوشۇردى.

ما ياۋپەن قازا قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بەزى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەجىمى ئامېرىكىلىق قارا تەنلىك ئەرنىڭ ئاق تەنلىك ساقچى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەجىمىدىن كىچىك ئىدى.

ئامېرىكىدىكى بىر ئاخبارات ۋاسىتىسىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ما ياۋپەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغان پوۋېل قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىن دېدى.

بۇ خەۋەرنىڭ ئاستىدىكى باھا رايونىدا، بىر قىسىم كىشىلەر: نېمە ئۈچۈن مۇئەييەنلەشتۈرمەستىن ئەكسىچە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى «مۇمكىن» دەيدۇ، دەپ پىكىر يېزىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ما ياۋپەن ۋاپات بولۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن، نىيۇيوركنىڭ مانخاتتان رايونىدا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قارا تەنلىك تەپتىش ئەمەلدارى ئالۋىن براگ بىر قاتار جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ كونترول قىلىش سالمىقىنى بوشىتىدىغانلىقىنى، جىنسىي جىنايەت، چىرىكلىك، ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە ئېغىر ئائىلە زوراۋانلىقى دېلولىرىدىن باشقا، يېنىكرەك جىنايى قىلمىشلارغا قارىتىلغان جازا مۇددىتىنى كېمەيتىدىغانلىقىنى، ياكى بۇ خىل يېنىك قىلمىشلار ئۈستىدىن ئەرز قىلماسلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە بۇ رەڭلىك ئىرقلارنى كەمسىتىشتىن ساقلىنىشقا دائىر قانۇن ئىجراسىنى قوغداشقا پايدىلىق، دېدى.

بىراق، ئۇنىڭ بۇ تەدبىرى جەمئىيەتتە تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. ما ياۋپەن ئائىلىسىگە ياردەم قىلغان بىر پىدائىي بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ تەپتىش ئەمەلدارىدىن: «كېيىن قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغاندا ئادەم يارىلانمىسىلا جىنايەت ھېسابلانمامدۇ» دەپ سورىدى.

نىيۇيورك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قارا تەنلىك ئايال باشلىقى كېچانت سېۋېلمۇ بۇ تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ قىلمىشى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىدى.

ئەلۋەتتە، بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تالاش-تارتىش. مەيلى جىنايەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش بولسۇن ياكى قاتتىق زەربە بېرىش بولسۇن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز مەنتىقىسى بويىچە پىكىر يۈرگۈزىدىغان بىر يۈرۈش نەزەرىيەسى بار. بىراق، سۆز تېمىسى جۇڭگولۇق بولغاندىلا ئىش تەتۈرسىگە ماڭماسلىقى كېرەك-تە. جۇڭگولۇقلارنىڭ جېنى جان ئەمەسمۇ؟

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىدا قەستكە ئۇچرىغان ھېلىقى گۇاڭدۇڭلۇق كىشى ئۆلۈپ كەتتى

بۇلتۇر ئاپرېلدا، دۆلىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان جۇڭگولۇق چياۋمىن بوۋاي كوچىدا تۇيۇقسىز زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇرغۇچى ئۇنىڭ بېشىغا ئالتە قېتىم قاتتىق تېپىۋېتىپ قېچىپ كەتتى.