ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-13 15:38

قازاقىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ بۇيرۇق ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى تەستىقلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-مۇئاۋىن زۇڭلى، مۇئاۋىن زۇڭلى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرىمۇ بار ئىكەن.

 قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ

11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ئەلىخان ئىسمائىلوف يېڭى بىر نۆۋەتلىك قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەندى.

توقايېۋنىڭ ئالاقىدار يوليورۇقىغا ئاساسەن، يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچ ھەپتە ئىچىدە 2022-يىللىق ھۆكۈمەت ھەرىكىتى پىروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ 2-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا بۇ ھۆججەتكە قاراپ چىقىش پىلانلاندى.

ئەلىخان ئىسمائىلوف شۇ كۈنى پارلامېنت يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇھىتنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى باش نىشان قىلىدۇ؛ زۇڭتۇڭ چۈشۈرگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋاپىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ماكرو ئىگىلىكنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇل پاخاللىقىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىدۇ؛ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، مىللىي دارامەتنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش يەنىلا ھازىرقى باسقۇچتىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قازاقىستاندا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلدى

11-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ئەلىخان ئىسمائىلوف يېڭى بىر نۆۋەتلىك قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەندى.