ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ يالغان ئۇچۇر!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-13 15:39

يېقىندا، توردا «چاغان مەزگىلىدە تېز يوللانما توختىتىلىدۇ» دېگەن خەۋەر تارقالدى. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يالغان ئۇچۇر بولۇپ، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، EMS، شۈنفېڭ، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئاساسلىق تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

ھەرقايسى تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئېلان قىلغان مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل چاغاندا، يەنى 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى)دىن 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (چاغاننىڭ 4-كۈنى) گىچە تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى دەم ئالماي نورمال مۇلازىمەت قىلىدىكەن، باشقا كۈنلەردە دائىملىق تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، مۇلازىمەت دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى رايونلار (يۇقۇم كۆرۈلگەن رايونلار قاتارلىق ئالاھىدە رايونلار بۇنىڭ سىرتىدا)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى 2021-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چاغان مەزگىلىدىكى تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىگە دائىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: چاغان مەزگىلىدە ھەرقايسى پوچتا يەتكۈزۈش كارخانىلىرى تىجارەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرانسپورت كۈچى ۋە ئادەم كۈچىنى تەڭشەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام تور نۇقتىلىرى تىجارىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، بايرام مەزگىلىدە خەلق ئاممىسىنىڭ پوچتا ئېھتىياجى ۋە كەسىپلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «پوچتاليون ھەرىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى»نى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. يوللانما يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ھەمكارلىق ئورناتقان تور نۇقتىلىرىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ يالغان ئۇچۇر!

يېقىندا، توردا «چاغان مەزگىلىدە تېز يوللانما توختىتىلىدۇ» دېگەن خەۋەر تارقالدى. دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يالغان ئۇچۇر بولۇپ، بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، EMS، شۈنفېڭ، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئاساسلىق تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى نورمال مۇلازىمەت قىلىدىكەن.