ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە "جىددىيلىك ھەققى" بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-20 15:46

 18-يانۋار، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى 268-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى دۇ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭدىكى تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەندە، ھەر قېتىملىق ئايرىم تەكشۈرۈشنىڭ باھاسى 35 يۈەندىن يۇقىرى بولماسلىقى، ئارىلاشما تەكشۈرۈشتە ھەر بىر ئەۋرىشكىنىڭ تەكشۈرۈش باھاسى 8 يۈەندىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك. جىددىيلىك ھەققى ئېلىشقا بولمايدۇ.

ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىم تەكشۈرۈش باھاسى ۋە ئارىلاشما تەكشۈرۈش باھاسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ئېلان قىلىشى، بەلگىلىمە بويىچە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ھەق ئېلىشى كېرەك.

 

بېيجىڭدا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن جەمئىي 286سى بار، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ

18-يانۋار، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى 268-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاخبارات باياناتچىسى لى ئاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پائال تەدبىر قوللىنىپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ.

تەكشۈرۈش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تېز تەكشۈرۈپ ۋە نەتىجىسىنى تېز چىقىرىپ، تۈرلۈك كىشىلەر توپىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تىرىشىپ ئالتە سائەت ئىچىدە چىقىرىپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا بېيجىڭ ساغلاملىق سۇپىسىغا يوللايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەۋرىشكە ئېلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. پۈتۈن شەھەردە نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن جەمئىي 286سى بار بولۇپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارى 1 مىليون 680 مىڭ يەككە نۇسخىغا يېتىدۇ. پۈتۈن شەھەردىكى 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلار، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىلىرى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى ھەمدە دۆلەت ئاممىۋى تەجرىبىخانىسىدىن 8نى، شەھەر دەرىجىلىك تەكشۈرۈش بازىسىدىن 12نى ۋە رايون دەرىجىلىك تەكشۈرۈش بازىسىدىن 23نى نۇقتىلىق قۇردى.

يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل داۋالاش ئاپپاراتلىرى نۇكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش قوشۇنى ۋە زاپاس قوشۇنىنى يەنىمۇ تولۇقلىدى، شەھەر بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىش خادىمىدىن جەمئىي 60 مىڭى، كىنىشكىسى بار تەكشۈرۈش تېخنىكا خادىمىدىن 11 مىڭى بار بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە توپلىنىش ۋە يۆتكىلىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە "جىددىيلىك ھەققى" بولمايدۇ

ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىم تەكشۈرۈش باھاسى ۋە ئارىلاشما تەكشۈرۈش باھاسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇندا ئېلان قىلىشى، بەلگىلىمە بويىچە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە ھەق ئېلىشى كېرەك.