ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-24 16:39

ئەسلىي تېمىسى: دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يۇرتىغا قايتقانلارغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن، قاتلاممۇ-قاتلام توسۇق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزىمى 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كىشىلەر يۇرتىغا قايتىشقا باشلىدى، يۇقۇم خەتىرى دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىن يۇرتىغا قايتقان ئاممىغا قارىتا، جايلار تۈرگە ئايرىپ، رايونلارغا ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئاددىي ئىجرا قىلىشى، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇ-قاتلام توسۇق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم بايقالغان ھامان تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئادەم، نەرسە، مۇھىتتىن كېلىدىغان يۇقۇم خەتىرىنىڭ تەڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يۇقۇم خەتىرى بار كىشىلەر توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاش، تۈگىتىش كېرەك.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلانغان باشقا مۇھىم ئۇچۇرلار

 

 

ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىمار سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، لېكىن يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ۋە باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك بىمار سانى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ئەمما يېقىندا بىر قىسىم رايونلاردا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم كۆرۈلگەنلىكى دوكلات قىلىندى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ۋە باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكرون كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە دېلتانىڭ ئورنىنى ئالدى
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومېكرون سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردە ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى دېلتانىڭ ئورنىنى ئالغان، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى ئومىكرون كەلتۈرۈپ چىقارغان مەھەللىۋى يۇقۇمنى دوكلات قىلغان.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: بېيجىڭنىڭ تۆت رايونىدا كۆرۈلگەن يۇقۇم دەسلەپكى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بەزى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئىزى مۇرەككەپ
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خې چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خەيديەن رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار مەركەزلىك ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى تەكشۈرۈشتە بايقالغان بولۇپ، بۇ يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاۋياڭ، فاڭشەن، فېڭتەي، داشىڭ رايونلىرىدىكى يۇقۇم دەسلەپكى مەزگىلدە تۇرماقتا، يۇقۇم مەنبەسى يەنىلا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلمەكتە، بەزى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئىزى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئادەم كۆپ توپلىشىدىغان سورۇنلارغا چېتىلىدۇ، شۇڭا مەھەللىلەردە تارقىلىش ۋە سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى، خەتەرلىك كىشىلەر توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى تېزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يۇقۇم خەتىرى بار كىشىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاش، تۈگىتىش كېرەك
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم بايقالغان ھامان تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئادەم، نەرسە، مۇھىتتىن كېلىدىغان يۇقۇم خەتىرىنىڭ تەڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يۇقۇم خەتىرى بار كىشىلەر توپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاش، تۈگىتىش كېرەك.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىم
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خې چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىم بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا كۆرۈلگەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: 1 مىليارد 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشى تولۇق جەريانلىق ۋاكسىنا ئەملەشنى تاماملىدى
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 21-يانۋارغىچە، مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى جەمئىي 2 مىليارد 960 مىليون 675 مىڭ قېتىم ئەملەندى، تولۇق جەريانلىق ئەملەنگەن ئادەم سانى 1 مىليارد 224 مىليون 450 مىڭ كىشىگە يەتتى.
تيەنجىن، خېنەن، شەنشى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى قانداق؟ سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنداق دېدى
  تيەنجىندىكى ئومىكرون يۇقۇمىدا دوكلات قىلىنغان بىمار سانى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 21-يانۋار جەمئىيەتتە يۇقۇملىنىش تۈگىتىلدى، مەھەللىدە تارقىلىش خەتىرى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانى تۆۋەنلەش ھالىتىدە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەھەللە، بولۇپمۇ يېزىلاردا ساقلىنىۋاتقان يوشۇرۇن تارقىلىش خەتىرىدىن ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرى ۋە شۈچاڭ شەھىرىدە 20-يانۋار تۇنجى قېتىم بىرمۇ بىمار كۆرۈلمىدى. 21-يانۋار خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شۈچاڭ شەھىرىدە ئېچىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېيىلدى: 20-يانۋار، شۈچاڭغا قاراشلىق يۈجۇ شەھىرىدە يېڭى بىمار بايقالمىدى، تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتە ھەم ئايرىش نۇقتىسىدا بىمار كۆپەيمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەمئىيەتتە ئۇدا ئۈچ كۈن يېڭى بىمار بايقالمىدى.
لياڭ ۋەننيەن: ئومىكرون ئەڭ ئاخىرقى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى بولماسلىقى مۇمكىن
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لياڭ ۋەننيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومىكرون ئەڭ ئاخىرقى ئۆزگەرگەن ۋىرۇس تۈپى بولماسلىقى مۇمكىن، ۋىرۇسنىڭ كەلگۈسىدە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئۆزگىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقسىز ئامىللار كۆپ.
لياڭ ۋەننيەن: نۆۋەتتە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى تېخى مۇستەھكەم ئىممۇنىتېت توسۇقى قۇرۇش دەرىجىسىگە يەتمىدى
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لياڭ ۋەننيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش نىسبىتى تېخى مۇستەھكەم ئىممۇنىتېت توسۇقى قۇرۇش دەرىجىسىگە يەتمىدى، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاتساق، يۇقۇم ئاسانلا قايتا كۆرۈلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر: نۆۋەتتە چېگرادىن كىرگەن توڭلىتىلمىغان بۇيۇملارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك ئىسپات يوق
  مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈم قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، چېگرادىن كىرگەن توڭلىتىلمىغان بۇيۇملارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك ئىسپات يوق، بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ يۇقۇم خەتىرىنى يەنە يېقىندىن كۆزىتىشكە ۋە باھالاشقا توغرا كېلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇشى ئاساسلىقى ئادەملەرنىڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشى ئارقىلىق بولىدۇ، بۇلغانغان نەرسىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ئەمەس، ئەمما بۇ خىل ئېھتىماللىقنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يېزا رايونلىرىدىكى يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى «تۆت بالدۇر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق مەھكىمىسىنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى فۇ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام، بولۇپمۇ يېزا رايونلىرىدىكى يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، مۇھىمى يەنىلا «تۆت بالدۇر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، خەۋپ-خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەك، ئەڭ كىچىك دائىرىدە تېزدىن كونترول قىلىش كېرەك.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خې چىڭخۇا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يەنىلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.
لياڭ ۋەننيەن: ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە تاكتىكىسىنى ساقلاپ قېلىش نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش
  ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدا ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، بىرى بايقالسا بىرىنى تۈگىتىپ تۇرغاندا كىشىلەر توپى ئىچىدە يۇقۇملىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى، ئېغىر كېسەل بولۇش ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى ئازايتقىلى، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، يۇقۇم سەۋەبىدىن داۋالاش بايلىقىنىڭ بىر نۇقتىغا توپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىلىك داۋالىنىش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كىچىكلىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت شارائىتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە-ساغلاملىق مەھكىمىسىنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى فۇ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت شارائىتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زۆرۈر بولغان ۋاكسىنا ئەملەش ۋە سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى ھەمدە مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلەپ، ۋاكسىنا ئەملەشكە ئالاقىدار ياردەم پۇل سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ئەملىگۈچى خادىملارنى نۆۋەتلىشىپ دەم ئېلىشقا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
لياڭ ۋەننيەن: ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ياخشى تەننەرخ ئۈنۈمى ھاسىل قىلىندى
  دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لياڭ ۋەننيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېلىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر قەدەر ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇردى، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئېشىۋاتقان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ھېسابلىنىدۇ، بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىز قوللانغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرى ئۈنۈملۈك بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: شارائىتى بار مەھەللىلەر سىرتتىن كەلگەن دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە قارىتىلغان مەھەللىدە تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ ئورنىتىشى كېرەك
  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەھەللە باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن يۆلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەھەر ئىچىدىكى كەنت، شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جاي قاتارلىق رايونلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى مەھەللىلەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى قىيىن نۇقتا، دائىم تۇرۇشلۇق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى مەھەللە ۋاقتىدا ئىگىلەپ تۇرمىغاچقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئاسانلا پاسسىپ ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ، شۇڭا خىزمەت سالمىقىنى كۈچەيتىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ

ئەسلىي تېمىسى: دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: يۇرتىغا قايتقانلارغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن، قاتلاممۇ-قاتلام توسۇق پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك