ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مامۇتجان "ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي"دا توي تەكلىپى قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-24 16:43

 بىر ئالاھىدە توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمى «ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي» قاراقۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇراسىمدىكى ئىككى باش قەھرىمان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۈەنىنىڭ جەڭچىسى مامۇتجان بىلەن قىز دوستى نۇرپاشا ئىدى.

سۆيۈملۈك نۇرپاشا، ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟

ناھايىتى رومانتىك ھەم ئىللىق بېزەلگەن گازارمىدا بىر مەيدان مىللىيچە توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۈەنىنىڭ ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىرلىكتە تەنتەنە قىلىپ، سەپدىشى مامۇتجانغا مەدەت بەردى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ قىز دوستىغا «ئۇنىڭغا ماقۇل دەڭ! ماقۇل دەڭ!» دەپ ۋارقىراشتى.

ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا تولغان مۇراسىم مەيدانىدا، جەڭچى مامۇتجان سىن ئارقىلىق سەككىز يىلغا يېقىن مۇھەببەتلەشكەن قىز دوستىغا رومانتىك توي تەكلىپى قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سۆيۈملۈكۈم نۇرپاشا، بۈگۈن مۇھەببەتلەشكىنىمىزگە 2807 كۈن بوپتۇ، لېكىن بىللە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتىمىز بۇنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ يەتمەيدۇ، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىز ماڭا كەڭ قورساق بولۇپ، مېنى چۈشىنىپ كەلدىڭىز... بۇ قارلىق ئېگىزلىكتە، ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جايدا سىزگە توي تەكلىپى قويماقچىمەن، ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟»

مامۇتجاننىڭ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان ھەربىر ئېغىز سۆزى قىز دوستى نۇرپاشانىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئۇ تەسىرلەنگەنلىكتىن كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.

مامۇتجاننىڭ توي تەلىپىگە نۇرپاشا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۇنچە يىللاردىن بۇيان تۆلىگەن بەدەللىرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، ئېگىزلىكتە كۆپ جاپا چەكتىڭىز، قايتىپ كېلىشىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن، تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلدىم!»

ئۇ «ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي»دا توي تەكلىپى قويدى

مامۇتجان بىلەن نۇرپاشانىڭ مۇھەببەتلەشكىنىگە سەككىز يىلغا يېقىن ۋاقىت بولدى، ئۇلار قول تۇتۇشۇپ 2807 كېچە-كۈندۈزنى ئۆتكۈزدى.

2020-يىلى ئۇلار توي قىلماقچى ئىدى، لېكىن تۇيۇقسىز يۇقۇم كۆرۈلۈپ، توي قىلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلدى، 2021-يىلى ئۇلار يەنە توي قىلىشقا تەييارلىق قىلدى، لېكىن مامۇتجان قىسىمغا ئەگىشىپ قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ مەشىق قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ليەندۈينىڭ تېخنىكا تايانچىسى بولغاچقا، بۇ قېتىمقى توي ۋاقتى يەنە كېچىكتۈرۈلدى.

سەككىز يىلغا يېقىن مۇھەببەتلەشكەن بۇ بىر جۈپلەرنىڭ تويى ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈلدى

مامۇتجان تۇرۇشلۇق ليەندۈيدىكى ليەنجاڭ ۋە يېتەكچىلەر بۇ ئىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى، ئۇلار كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش، ئىنچىكە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، مامۇتجان ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە سىنلىق توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر گەرچە قارلىق ئېگىزلىكتە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبىدە «باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان» ئىدى، ئۇلار ئۆيلىرىدىن شۇنچە يىراقتا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، قەلبى ھەر ۋاقىت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئىدى، ئۇلار ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان چاغدا كۆڭلىگە تېخىمۇ چوڭ بىر ئائىلىنى پۈككەنىدى.

تورداشلار: ئېگىزلىكتىكى جەڭچىلەرگە بەخت تىلەيمىز!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مامۇتجان "ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي"دا توي تەكلىپى قويدى

بىر ئالاھىدە توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمى «ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي» قاراقۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇراسىمدىكى ئىككى باش قەھرىمان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۈەنىنىڭ جەڭچىسى مامۇتجان بىلەن قىز دوستى نۇرپاشا ئىدى.