ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئولىمپىك مىنۇتلىرى 24

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 17:00

 

«ئولىمپىك مىنۇتلىرى»-«1994-يىللىق لىللېخاممېر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى»

  لىللېخاممېر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1994-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە نورۋېگىيەنىڭ لىللېخاممېردا ئۆتكۈزۈلگەن.
  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى، ھەر قايسى خەلقئارا يەككە تۈر تەنتەربىيە بىرلەشمىلىرى، بولۇپمۇ ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرىنىڭ تاللاش، مەشىق قىلىش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش خىزمىتىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 1988-يىلى 93-قېتىملىق كاگلى ئومۇمىي يىغىنىدا، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئوخشاش بىر ئولىمپىك يىلىدا ئۆتكۈزمەي، ئىككى يىل ئارىلىق ساقلاپ ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇ بىر دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىسلاھات.
  داڭلىق تەنھەرىكەتچى: نورۋېگىيەنىڭ تېز تېيىلىش ماھىرى كوس ئۆزى يالغۇز 1500 مېتىر، 5000 مېتىر ۋە 10 مىڭ مېتىردا ئۈچ ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن. رۇسىيەنىڭ شىمالىي ياۋروپا ئىككى تۈرلۈك قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى لىئۇپوف. يېگناۋا تۆت مېدالغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئالتۇن مېدالمۇ بار. ئامېرىكىنىڭ تېز تېيىلىش ئايال ماھىرى بلايىر ئاياللارنىڭ 500 مېتىر، 1000 مېتىرغا تېز تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان، بۇ ئۇنىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئاياللارنىڭ 500 مېتىرغا تېز تېيىلىش تۈرىدە ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم چېمپىيون بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
  بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تارىخىدىكى يېڭى سەھىپىنى ئاچتى، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئوخشاش يىلدا ئۆتكۈزۈلمەي، ئىككى يىل ئارىلىق قالدۇرۇلدى.
  ئىلتىماس قىلىش باسقۇچىدا نورۋېگىيەنىڭ لىللېخاممېر، شۋېتسىيەنىڭ ئېستسۇند، ئامېرىكىنىڭ ئانكراج ۋە بۇلغارىيەنىڭ سوفىيەدىن ئىبارەت تۆت شەھىرى ئىلتىماس قىلغان، لىللېخاممېرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى نورۋېگىيە تارىخىدىكى 3-قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
  مۇسابىقە تۈرى جەھەتتە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كىچىك تۈر ئەركىن قار تېيىلىشتىكى يۇقىرى بوشلۇق شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش تۈرىدە ئەرلەرنىڭ 500 مېتىر ۋە 1000 مېتىردىن ئىبارەت ئىككى تۈر كۆپەيتىلگەن.
  جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم 27 ماھىر ( 8 ئەر، 19 ئايال )نى ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە جاڭ يەنمېي ئاياللارنىڭ 500 مېتىرلىق قىسقا تېيىلىش تۈرىدە كۈمۈش مېدالغا، پېشقەدەم ماھىر يې چياۋبو ئاياللارنىڭ 1000 مېتىرلىق تېز مۇز تېيىلىش تۈرىدە مىس مېدالغا، چېن لۇ ئاياللارنىڭ فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش يەككە كىشىلىك مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن.
  مېدال رەت تەرتىپىدە، رۇسىيە 11 ئالتۇن مېدال، 8 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىپ بىرىنچى بولغان؛ نورۋېگىيە 10 ئالتۇن مېدال، 11 كۈمۈش مېدال، 5 مىس مېدالغا ئېرىشىپ ئىككىنچى بولغان؛  گېرمانىيە 9 ئالتۇن مېدال، 7 كۈمۈش مېدال، 8 مىس مېدالغا ئېرىشىپ ئۈچىنچى بولغان؛ جۇڭگو 18-ئورۇندا تۇرغان.
  نورۋېگىيە ئىلگىرى ئىككى نۆۋەت قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى دۇنياغا نوپۇسى كۆپ بولمىغان، ئەمما تەنھەرىكەتنى قىزغىن سۆيىدىغان شىمالىي ياۋروپادىكى بۇ كىچىك دۆلەتنى تېخىمۇ كۆپ تونۇتقان.
  1994-يىللىق نورۋېگىيە لىللېخاممېر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك مۇسابىقىسى تارىخىدا يېڭى دەۋر ئاچقان. 1994-يىلىدىن باشلاپ ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىلەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئوخشاش يىلدا ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى، شۇڭا ھەر ئىككى يىلدا بىر ئولىمپىك يىلى كۈتۈۋېلىندى. گىرب لايىھەلىگۈچى تەبىئىي مەنزىرىدىن ئىلھام ئالغان: يەنى كۆك ئاسمان، شىمالىي قۇتۇپ نۇرى، ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش ھالقا ۋە ئىنگلىزچە «لىللېخاممېر» دېگەن خەتلەر قوشۇلۇپ مۇكەممەل گىرب ھاسىل قىلىنغان. شىمالىي قۇتۇپ نۇرى ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتنىڭ شىمالدىكى نورۋېگىيە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئولىمپىك مىنۇتلىرى 24

لىللېخاممېر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى 1994-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە نورۋېگىيەنىڭ لىللېخاممېردا ئۆتكۈزۈلگەن