ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ناۋادا بۇنداق تېلېفون كېلىپ قالسا، قانداق قىلىسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:41

 نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان خىزمەتچى خادىملار توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ۋىرۇس بىلەن ئېلىشماقتا. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش بولسا يۇقۇم مەنبەسىنى ئېنىقلاش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ يامراپ كېتىشىنى توسۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.

ناۋادا بۇنداق تېلېفون كېلىپ قالسا، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قانداق ماسلىشىشىمىز كېرەك؟ تەكشۈرۈش تېلېفونى بىلەن ئالدامچىلىق تېلېفونى ئىكەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ تۆۋەندە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلار بىلەن بىرلىكتە تونۇشۇپ چىقايلى!

❶  تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

1. سالماق بولۇپ ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىش

يېقىندىن ئۇچراشتى دېگەنلىك ھەرگىزمۇ چوقۇم يۇقۇملىنىپ قالىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بۇنداق ۋاقىتتا تەمكىن بولۇش، تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ تەكلىپىگە بويسۇنۇش، شەخسىي مۇداپىئەنى كۈچەيتىش، كېيىنكى قەدەمدىكى ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش ياكى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

2. ئەھۋالنى يوشۇرماي ئەينەن ئېيتىش

يېقىنقى مەزگىلدىكى سەپەر خاتىرىسىنى تەپسىلىي ئەسلەپ، ئەينەن ئېيتىش كېرەك.

❷  تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرگەندە نېمىلەرنى سورايدۇ؟

1. شەخسلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى: ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، ئادرېسى، سەپەر ۋە تۇرغان تارىخى قاتارلىقلار؛

2. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئەھۋالى: ئەملەنگەن ۋاقىت، ۋاكسىنا تۈرى، ئەملەش قېتىم سانى قاتارلىقلار؛

3. سالامەتلىك ئەھۋالى: يېقىندىن بۇيان بىئاراملىق ئەھۋالى بارمۇ-يوق؟ يېقىندا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟ قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىش، تەم سېزىمى چېكىنىش ياكى يوقىلىش، بۇرۇن پۈتۈش، ماڭقا ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۇسكۇل ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمۇ-يوق.

4. يېقىنقى 14 كۈن ئىچىدىكى سەپەر ۋە تۇرغان تارىخى، بۇرۇنقى كېسەللىك تارىخى قاتارلىقلار؛

5. يۇقۇملانغۇچى بىمار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىش ئەھۋالى: ئورتاق غىزالىنىش، بىللە ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

6. كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە كېرەكلىك باشقا زۆرۈر ئۇچۇرلار.

ئەسكەرتىش: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈشتە ئېرىشىلگەن بارلىق شەخسىي ئۇچۇرلار قاتتىق مەخپىي تۇتۇلىدۇ.

❸ قانداق قىلغاندا سەپەر ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئەسلىگىلى بولىدۇ؟

1. خاتىرىلىنىپ قالغان ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈش: سۆزلىشىش خاتىرىسى، ئۈندىداردا پاراڭلىشىش خاتىرىسى، ئېلېكتىرونلۇق چىقىم خاتىرىسى، سۈرەت، كۈندىلىك خاتىرە قاتارلىقلار سەپەر ئەھۋالى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئەھۋالىنى ئەسكە ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

2. قىلغان ئىشلارنى بىر بىرىگە باغلاپ ئەسلەش: يېقىندا يۈز بەرگەن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىشلارنى ئەسلەش، بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ ئالدى كەينىدىكى بىر نەچچە كۈندە ئۇچراشقان كىشىلەر، بارغان جايلارنى ئەسلەش.

3. ئادەتتىن مۇستەسنا ئەھۋاللار: ئادەتلەنگەن تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىن باشقا، يېقىنقى مەزگىلدە مۇستەسنا ۋەقەلەرنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى ياكى يېڭىدىن تونۇشقان كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئەسلەش.

4. بىرلىكتە ئەسلەش: ئائىلە ئەزالىرى، دوستلار، خىزمەتداشلار، ساۋاقداشلار ۋە ئورتاق سەپەرگە چىققان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەسلەش.

❹  تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش تېلېفونىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

نۆۋەتتە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش تارماقلىرى ئاساسىي كۈچ سۈپىتىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىمۇ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىل تېلېفونلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

1. تەكشۈرۈش تېلېفونى ئاساسەن شۇ جاينىڭ يانفون نومۇرى ياكى مۇقىم تېلېفونىدىن ئۇرۇلىدۇ، چېگرا سىرتىدىكى تېلېفوندىن ئۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس؛

2. تەكشۈرۈش تېلېفونىغا تېلېفون قايتۇرغىلى بولىدۇ (تېلېفون قايتۇرغاندا لىنىيە ئالدىراش بولسىمۇ ئۇلانغان بولىدۇ)، ئالدامچىلىق تېلېفونلىرىغا ئاساسەن دېگۈدەك نورمال تېلېفون قايتۇرغىلى بولمايدۇ؛

3. تەكشۈرگۈچىلەر سىزنىڭ كىملىك نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە سەپەر ئەھۋالىڭىزنى سورايدۇ، لېكىن بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى ھەرگىز سورىمايدۇ؛

4. تەكشۈرگۈچىلەر سىزنى ئەپ دېتالى چۈشۈرۈشكە، تېلېفون ئېكرانىڭىزنى ئېچىپ ئورتاق ئىشلىتىشكە بۇيرۇمايدۇ.

5. تەكشۈرگۈچىلەر سىزدىن ئىككىلىك كودنى سايىلەش، يوللانغان ئۇلانمىنى چېكىش، مەخپىي نومۇر ياكى دەلىللەش نومۇرى بىلەن تەمىنلەش، ھەق تۆلەش، QQ توپى ياكى ئۈندىدار توپىغا كىرىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلمايدۇ.

6. تەكشۈرۈش جەريانىدا تەكشۈرگۈچىلەر ھەر قانداق سەۋەب بىلەن سىزدىن مېمۇرىئال قىلىش ۋە ئاتالمىش «مەبلەغ تەكشۈرۈش»نى تەلەپ قىلمايدۇ.

❺ سەمىمىي ئەسكەرتىش

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرۇش ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ناۋادا بۇنداق تېلېفون كېلىپ قالسا، قانداق قىلىسىز؟