ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوۋاقنىڭ دوختۇرخانىدائۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:41

 5-ماي سەھەردە، «شۈجوۋ تارقاتتى» ئۈندىدار سالونى جياڭسۇ ئۆلكىسى سۈيىنىڭ ناھىيەسىدىكى بوۋاق شى xxنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى:

29-ئاپرېل كەچتە، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھىرى سۈيىنىڭ ناھىيەسىدە بوۋاق شى xxنىڭ كانىيىغا نەرسە تۇرۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىكىلەر بوۋاقنى سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ كۆرسەتكەن، كېيىن سۈيىنىڭ ناھىيەلىك جىددىي قۇتقۇزۇش داۋالاش پونكىتى ئارقىلىق شۈجوۋ شىنجيەنكاڭ دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ قۇتقۇزۇلغان، 30-ئاپرېل سەھەردە بوۋاق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ھەمدە داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئەھۋالىغا قارىتا ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى 29-ئاپرېل سائەت 20 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە بوۋاق شى xx (ئوغۇل، بىر ياشقا كىرىپ بەش ئاي ئاشقان، ھاممىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن)نىڭ ھاممىسى بوۋاقنىڭ كانىيىغا نەرسە تۇرۇپ قالغانلىقى، ئائىلىسىدىكىلەر بوۋاقنىڭ ئېغىزىدىن يېرىم تال شاكاللىق گازىر چىقىرىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. بوۋاقنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن دوختۇر كېسەللىك تارىخىنى سوراش، ئۆپكىدىن قايتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، دەسلەپكى قەدەمدە كانىيىغا نەرسە تۇرۇپ قالغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، بوۋاققا ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش، تومۇردىكى ئوكسىگېننى داۋاملىق كۆزىتىش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۆزىنىڭ قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 21 دە دوختۇرخانا يۆتكەپ داۋالاش ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېزدىن يۆتكەپ داۋالىتىشنى ئۇقتۇرغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى نەق مەيداندا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ھاممىسى يۆتكەپ داۋالاشقا قوشۇلۇشقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قوشۇلمىغان. سائەت 21 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەن. سائەت 22 دە، بوۋاقنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن دوختۇر بوۋاقنىڭ دادىسىغا كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن باشقا كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلغان، بۇ ئارىلىقتا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سائەت 23 تىن 55 مىنۇت، 30-ئاپرېل سائەت 0، سائەت 1 دىن 4 مىنۇت، سائەت 1 دىن 7 مىنۇت، سائەت 1 دىن 19 مىنۇت، سائەت 1 دىن 23 مىنۇت ئۆتكەندە كۆپ قېتىم بىمارنىڭ دادىسىغا تېلېفون قىلىپ بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىغان ھەمدە دوختۇرخانا يۆتكىلىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان. سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش بۆلۈمى 29-ئاپرېل سائەت 22 دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە شۈجوۋ شىنجيەنكاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باش دىجورنىخانىسى بىلەن بوۋاقنىڭ دوختۇرخانا يۆتكىلىش ئىشى توغرىسىدا ئالاقىلەشكەن. 30-ئاپرېل سائەت 1 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە، بوۋاقنىڭ ئانىسى 120 گە تېلېفون قىلغان. سائەت 1 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە سۈيىنىڭ ناھىيەلىك جىددىي قۇتقۇزۇش داۋالاش پونكىتىنىڭ 120 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كېلىپ، سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە شۈجوۋ شىنجيەنكاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ئۆيىگە يېتىپ كەلگەن. نۆۋەتچى دوختۇر تولۇقلاپ تەكشۈرۈپ، ۋېنا تومۇرىنى ئېچىۋېتىش، ئوكسىگېن سۈمۈرۈتۈش، يۈرەك سوقۇشىنى كۆزىتىش ۋە CT ، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. سائەت 3 تىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە، بوۋاقنىڭ نەپىسى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان، دوختۇرخانا دەرھال يۈرەك-ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى دىياگنوز قويۇشقا تەشكىللىگەن، سائەت 4 تىن 56 مىنۇت ئۆتكەندە، بوۋاق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بوۋاقنى دوختۇرخانىغا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بوۋاقنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولمىغان ئەھۋالدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ۋاقتىدا يۆتكەپ داۋالىنىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرگەن؛ بۇ ئارىلىقتا، 29-ئاپرېل سائەت 20 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ نۇكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىنغان، بىمارنى داۋالاش، قوبۇل قىلىش، يۆتكەپ داۋالاش جەريانىدا سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شۈجوۋ شىنجيەنكاڭ دوختۇرخانىسى نۇكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلمىغان.

تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىمار شى xx نى داۋالاش جەريانىدا، تۇنجى دىياگنوز قويۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق دىياگنوز قويمىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى يېتەرلىك بولمىغان، بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان؛ يۆتكەپ داۋالاش جەريانىدا، داۋالاش دەل جايىدا بولمىغان، يۆتكەلگەن دوختۇرخانىغا بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا بويىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق ئورۇن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر قاتتىق بىر تەرەپ قىلىندى: 

1. شۈجوۋ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، دوختۇر جېڭ xx نىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى، ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈردى. سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنى ئىچكى قىسىمدا تەرتىپكە سېلىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇدى.

2. سۈيىنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يەنلۇڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى، سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى جاڭ تاۋنى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

3. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا سۈيىنىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا يوللىدى.

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوۋاقنىڭ دوختۇرخانىدائۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى