ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەرلىك بىماردىن «356+4272»سى كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:43

 

5-ماي سائەت 0 دىن 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 356 (شاڭخەيدە 245)، بېيجىڭدا 55، خېنەندە 24، گۇاڭدۇڭدا 13، خېبىيدا 4، خېيلۇڭجياڭدا 4، لياۋنىڭدا 2، جىلىندا 2، جياڭشىدا 2، خۇنەندە 2، جياڭسۇدا 1، چۇڭچىڭدا 1، گۈيجۇدا 1)، بۇنىڭ ئىچىدە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگىنى 189 بولۇپ، (شاڭخەيدە 181، گۇاڭدۇڭدا 6، لياۋنىڭدا 2). قازا قىلغان بىمار 12 بولۇپ، ھەممىسى شاڭخەيدىكى يەرلىك بىمار. شۇ كۈنى يېڭىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان يەرلىك بىمار 1584 كە، تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار 41 مىڭ 416 گە يەتتى، ئېغىر كېسەللەر ئالدىنقى كۈندىكىدىن 9 كۆپەيدى. 

31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دوكلاتىدا يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار 4272سى كۆپەيگەن (شاڭخەيدە 4024، لياۋنىڭدا 61، خېنەندە 55، جياڭسۇدا 47، جېجياڭدا 24، بېيجىڭدا 17، جياڭشىدا 15، جىلىندا 12، خېبېيدا 7، شەندۇڭدا 5، يۈننەندە 2، فۇجيەندە 1، گۇاڭدۇڭدا 1، گۇيجۇدا 1). شۇ كۈنى تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلغان يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 10893.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەرلىك بىماردىن «356+4272»سى كۆپەيدى

5-ماي سائەت 0 دىن 24 گىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش