ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاق ساراي «چىراي ئالماشتۇردى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-08 18:45

 كارىن جىن پىئېر پساكىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئاقساراي باياناتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.

شۇ يەر ۋاقتى 5-ماي، ئامېرىكا ئاق ساراي ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئاق ساراينىڭ مۇئاۋىن ئاخبارات باياناتچىسى كارىن جىن پىئېر(Karine Jean-Pierre) نى زۇڭتۇڭ ياردەمچىسى، قوشۇمچە ئاق ساراينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قىلىپ ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.  ئۇ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاق ساراي باياناتچىسى پساكىنىڭ ئورنىغا رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2022-يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى، ئاق ساراينىڭ مۇئاۋىن ئاخبارات باياناتچىسى كارىن جىن پىئېر (Karine Jean-Pierre) بىلەن ئاقساراي باياناتچىسى پساكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. كارىن جىن پىئېر زۇڭتۇڭ ياردەمچىسى، قوشۇمچە ئاق ساراينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى قىلىپ ئۆستۈرۈلدى.

 

بايدىن باياناتىدا كارىن جىن پىئېرنىڭ ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەمدە ئۇنى بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك باياناتچىسى بولالايدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايدىن پساكىنىڭ ھۆكۈمەتكە قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

كارىن جىن پىئېر ئاقساراينىڭ ئاخبارات باياناتچىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان تۇنجى ئافرىقىلىقلار ئەۋلادىدىن بولغان ئايال بولۇپ قالىدۇ.

 

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر تېرمىنالىنىڭ كەسمە رەسىمى

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاق ساراي «چىراي ئالماشتۇردى»

كارىن جىن پىئېر پساكىنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن ئاقساراي باياناتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.