ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭدا86ئادەم يۇقۇملاندى!كۆپ ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-18 20:00

 يېقىندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدە كۆپ قېتىم توپلاشما يۇقۇم كۆرۈلدى. 14-ماي سائەت 15 گىچە، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتىگە چېتىشلىق توپلاشما يۇقۇمدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچى 49غا يەتتى؛ بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە چېتىشلىق توپلاشما يۇقۇمدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچى 37گە يەتتى. بۇ ئىككى قېتىملىق توپلاشما يۇقۇمغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدى. 

 

جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتىدە توپلاشما يۇقۇم يۈز بەردى، 6 كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدى 

جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چيەن گۈيلىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى: 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن بۇيان، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۈچ تۈر بۆلۈمىدە توپلاشما يۇقۇم يۈز بېرىپ، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە يوچۇق بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى، بۇ، پايتەختتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. بېيجىڭ شەھىرى ۋە فاڭشەن رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى توپلاشما يۇقۇم ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دەرھال ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز: 

 

ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مەركەزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلتۆكۈس بولمىغان، پايتەختتىكى قۇرۇلۇش تۈرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى كۈچلۈك بولمىغان، شۇڭا قاراشلىق ئورۇندا كۆرۈلگەن توپلاشما يۇقۇمدا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتى پارتكومىنىڭ باشقۇرغۇچى ئورۇنلۇق مەسئۇلىيىتى ۋە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمى بويىچە باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك بولمىغان، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى پارتكومى ۋە جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتى پارتكومى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەندى. 

 

6 كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى 

1. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن جىمىڭ، پايتەختتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، سىياسىي تونۇشى يۇقىرى بولمىغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغان، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي بولمىغان، بېيجىڭدىكى قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كەمچىل بولغان، قارمىقىدىكى ئورۇنلاردا كۆرۈلگەن توپلاشما يۇقۇمغا نىسبەتەن ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، چېن جىمىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى. 

2. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور لۇڭ شىنچياۋ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇل رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئۆزى مەسئۇل بولغان رايون ئىچىدىكى تۈرلەردە يۈز بەرگەن توپلاشما يۇقۇمغا نىسبەتەن ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، لۇڭ شىنچياۋغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش، مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ خاتالىق خاتىرىلەش چارىسى قوللىنىش قارار قىلىندى. 

3. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتورى ۋاڭ گاڭ، بېيجىڭدىكى تۈرلەرنى كۈندىلىك تەكشۈرۈش-ھەيدەكچىلىك قىلىشى جايىدا بولمىغان، پايتەختتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغان، ئىدىيە جەھەتتە بىخۇدلۇق قىلغان، ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ۋاڭ گاڭغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى.

4. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لو لىجۈن، سىياسىي سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بولمىغانلىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرسىز بولغانلىقى، تۈرتكىلىك رولى كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۈر بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشى بوشىشىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، لو لىجۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش، پارتكوم شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى. 

5. جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىنچۈەن، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پايتەختتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىگە ئاساسەن مەزكۇر شىركەت پارتكومىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلمىغان، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ پايتەختتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە ساقلانغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقىمىغان، مۇھىم رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ياڭ جىنچۈەنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى. 

6. جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى 11-ئىدارىسى 3-شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور، قوشۇمچە تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى جوۋ زۇڭمىن، شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى تۈرىدە يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن توپلاشما يۇقۇم كېلىپ چىققان، شۇڭا بىۋاسىتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق جوۋ زۇڭمىنغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى.

 

بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسى ئايروپورت ئىش بېجىرىش رايونىدا توپلاشما يۇقۇم يۈز بەردى، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى

بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسىنىڭ ئايروپورت ئىش بېجىرىش رايونىدا كۆرۈلگەن توپلاشما يۇقۇمغا چېتىشلىق ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى:

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك سودا بانكىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر كۆپ خىل تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن خادىملارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرغان، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەزگىلىدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر كارخانا سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرنى سادىر قىلغان.

بىرىنچىدىن، ئۆزى تەۋە رايوننىڭ ئائىلىدە ئىش بېجىرىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمىغان. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شۈنيى رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى كەسپىي گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۈنيىدا خىزمەت قىلىدىغان چاۋياڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق خادىملاردىن بىرتۇتاش تەلەپ بويىچە ئۆيدە ئىش بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان. يېزا سودا بانكىسى ئايروپورت ئىش بېجىرىش رايونى بۇ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، 5 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 76، 73، 66 كىشى چاۋياڭ رايونىدىن شۈنيىغا كېلىپ خىزمەت قىلغان.

ئىككىنچىدىن، خادىملارنىڭ ئىشقا چىقىش نىسبىتى ئۆزى تەۋە رايوننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شۈنيى رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش گۇرۇپپىسى ساھە گۇرۇپپىسى تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشقا بېرىش نىسبىتىنىڭ %50تىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولغان ئۈچ كۈندە، يېزا سودا بانكىسى ئايروپورت ئىش بېجىرىش رايونىدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا كېلىش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %69، %74 ۋە %76 بولۇپ، بىردەك %50 تىن ئېشىپ كەتكەن.

ئۈچىنچىدىن، ئىش ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن. بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەركەزلىك تارقالغان يېزا سودا بانكىسى ئايروپورت ئىش بېجىرىش رايونىنىڭ جەنۇبىي بىناسىدا چوڭ زال تەسىس قىلىنغان، ئىش بېجىرىش رايونىنىڭ ئىچكى قىسمى بىر قەدەر بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تارقالغان مەزگىلدە ئىش بېجىرىش سورۇنلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۆرسەتمىسى» (4.0 نۇسخا)دىكى تەلەپ بويىچە ئىش بېجىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلىمىغان، ئۇچرىشىشنى ئازايتىش رايونى تەسىس قىلمىغان، خادىملار ئۇچراشماسلىق، گىرەلەشمەسلىك تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن.

بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسى پارتكومى بۇ قېتىمقى توپلاشما يۇقۇمنىڭ يۈز بېرىشىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسى پارتكومىنىڭ مەسئۇلىيتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ 

بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ جىنشەن ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىلىپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ 

بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تۇڭ شۇەن نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ 

بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى باۋشۈ ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ 

بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسى ئوبوروتنى قوغداش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى شياۋ گوبىن ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ 

بېيجىڭ يېزا سودا بانكىسى يۇمشاق دېتال ئېچىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ دېلو بىۋاسىتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭدا86ئادەم يۇقۇملاندى!كۆپ ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى

يېقىندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدە كۆپ قېتىم توپلاشما يۇقۇم كۆرۈلدى