ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خىزمەتكە كىرىش تەكشۈرتۈشىدە بۇ تۈرلەرنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:18

 

ئىش-خىزمەت ئىزدىگەندە، ھەرقانداق ئورۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، دوختۇرخانىدا ئۇياق-بۇياققا چاپىسىز، نەچچە قېتىم قان ئالدۇرۇسىز، بىرمۇنچە چىقىم قىلىسىز! بۇ خىل تەكشۈرۈشتە يەنە كۆكرەكنى رېنتىگېنگە ئېلىش قاتارلىق رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈلىدىغان تۈرلەرمۇ بولۇپ، تەكرار سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، سىزدە چوقۇم ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى، بۇنىڭدا خىزمەتكە كىرىشكە دائىر سالامەتلىك تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك تەلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

«ئۇقتۇرۇش»تا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ خىزمەت ئورنى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، خىزمەتكە كىرىش سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرىنى مۇۋاپىق بېكىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى

 

 

● قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى قانات يايدۇرۇشقا بولمايدۇ. 

● تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، كۆكرەكنى رېنتىگېندە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئاساسىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرىدە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئالتە ئاي ئىچىدە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا سالامەتلىك تەكشۈرتكەن بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىشى، پىرىنسىپ جەھەتتە ئۇلاردىن قايتا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك، قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

● ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا گۇمانى بولسا، كېڭىشىش ئارقىلىق قايتا تەكشۈرۈش، تولۇقلاپ تەكشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇش پۈتكۈزۈش سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە تەشكىللىمىسىمۇ بولىدۇ. 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تاراتقۇلار بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار «تەكرار سالامەتلىك تەكشۈرۈش»كە دۇچ كەلگەن، بىر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا، ئۈچ ئاي ئىچىدە تۆت قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتكەن، بولۇپمۇ كۆكرەك قىسمىنى تۆت قېتىم رېنتىگېنگە تارتقۇزغان. بۇ ئوقۇغۇچى كۆپ قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ كەلگەن ساغلاملىق مەسىلىسىدىن ئىنتايىن ئەنسىرىگەن. تەكرار سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى، زېھنىي كۈچىنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن. يەنە بەزى خىزمەتكە كىرىشكە دائىر سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈش تۈرلىرى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەن، ھەتتا بىر قىسىم ئىجتىمائىي توپلارنى كەمسىتىش مەزمۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بەزى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار يەنە B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ھامىلىدارلىقنى تەكشۈرۈشنى سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرى قىلىپ، ئۇلارنى ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچراتقان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، خىزمەتكە كىرىشكە دائىر سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك غەمخورلۇقىنى نامايان قىلمىغان، بەلكى بىر خىل ھەزەر ئەيلەش پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن. 

 

«ئۇقتۇرۇش»تىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار

 

● ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغان ھەمدە بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بىر قېتىملىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ. 

● ئوقۇش پۈتكۈزگەن يىلى ۋە مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

● يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلاردا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەشتە 2022-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن «ئاۋۋال ئىش ئورنىغا چىقىش، كېيىن دەلىللەش»تىن ئىبارەت باسقۇچ خاراكتېرلىك تەدبىر يولغا قويۇلسا بولىدۇ. 

● ئەمگەك ئىقتىدارى بار ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىلغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن مېيىپلار ۋە ئۇزاق مۇددەت ئىشسىز قالغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىپ، «ھەربىر كىشىگە ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزۇش»، «ھەربىر كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت بېكىتىش» بويىچە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەربىر كىشىنى ئاز دېگەندە ئۈچتىن بەشكىچە قاراتمىلىق ئىش ئورنى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 

● بازار يولى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەقىقەتەن قىيىن بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى ئارقىلىق تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. 

دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش، ئۆسۈمنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇزارتىلغان مەزگىلدە تەكرار ئۆسۈم ھېسابلىماسلىق، جەرىمانە ئۆسۈم ئالماسلىق، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىك خاتىرىسى يوللىماسلىق كېرەك. 

توردىكى ئىشسىزلارنى تىزىملاش، خىزمەت ئىزدەيدىغانلارنى تىزىملاش ئەپلىرىنى قوللىنىش، ئاساسىي قاتلامدا رەتكە تۇرغۇزۇش قاتارلىق تۈرلۈك يوللاردىن پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالاقىلىشىپ، ھەربىر كىشىنى بىر قېتىم كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئۈچ قېتىم ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش، بىر قېتىم كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك. 

2023-يىلىدىن باشلاپ، «مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق، مەخسۇس كۇرسىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى» ۋە «مەملىكەت بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئاسپىرانتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى» (تۆۋەندە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى دېيىلىدۇ) تارقىتىلمايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئۆزگەرتىپ ئەۋەتىش رەسمىيىتى بىكار قىلىنىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، نوپۇسقا ئالدۇرۇش، ئارخىپنى قوبۇل قىلىش، يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتىكى زۆرۈر ماتېرىيال قىلىنمايدۇ. 

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە دائىر توردا كېلىشىم ئىمزالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىلەن توردا كېلىشىم ئىمزالىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مەكتەپتىن ئايرىلىش كېچىكتۈرۈلگەن ئىستۇدېنتلارغا قارىتا، تىزىمغا ئالدۇرۇش، ئارخىپ يەتكۈزۈش، نوپۇسقا ئېلىپ بېجىرىش ۋاقتىنى مۇناسىپ ئۇزارتىش كېرەك. 

2023-يىلىدىن باشلاپ، مائارىپ تارماقلىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەكتەپتىن ئايرىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىكى زۆرۈر ھالقا قىلىدۇ. 

● مىليون كىشىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى ئىش ئورنى توپلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەر، پەن تەتقىقات تۈرلىرى قاتارلىقلاردا پىراكتىكا ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى قوللاپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خىزمەتكە كىرىش تەكشۈرتۈشىدە بۇ تۈرلەرنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ

ئىش-خىزمەت ئىزدىگەندە، ھەرقانداق ئورۇن سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، دوختۇرخانىدا ئۇياق-بۇياققا چاپىسىز، نەچچە