ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:51

 

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18دە ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzk.gov.cn) غا چىقىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆز نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتىدىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتى ئىمتىھان بەرگۈچىگە قايتما ئىنكاس قىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ياخشى ساقلىشى كېرەك، ئەگەر مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى مەخپىي نومۇر باشقىلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىۋېتىلسە، تىزىمغا ئالدۇرغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىۋېلىشى كېرەك.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18دە ئېلان قىلىنىدۇ.