ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بەدىنىڭىزگە چەكمە چەكتۈرەمسىز؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-06-22 19:55

 

تېرە ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي توسۇقى بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى، ھالبۇكى بەدەنگە چەكمە چەكتۈرۈش تېرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، بەزى دۇكاندارلار ئىشلەتكەن چەكمە بوياقلارنىڭ تەركىبىدە ئېغىر مېتاللار بار، ئۇلار ئىشلەتكەن يىڭنە بولسا كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان «ئۈچ خىل ئۇچۇرى يوق مەھسۇلات» بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا تېرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بەدىنىگە چەكمە چەكتۈرىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بۇنىڭغا قىزىقىپ، چەكمە چەكتۈرسە ناھايىتى قالتىس بولىدىغاندەك ھېس قىلىپ، بىردەملىك ھاياجان بىلەن بەدىنىگە چەكمە چەكتۈردى. كۆپ ساندىكى سودىگەرلەرمۇ بۇنى «پۇرسەت» بىلىپ، كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياش ئىسپاتىنى تەكشۈرمەيلا چەكمە چېكىپ قويدى.

18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تولۇق ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغاچقا، چەكمە چېكىش دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاش قىلىشى ۋە ئەرز قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئادەتتە چەكمە چېكىشتىن بۇرۇن ياش-ئۆسمۈرلەرنى 18 ياشقا توشقانلىقى توغرىسىدا ئاغزاكى ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئالاقىدار ياش ئىسپاتىنى تەكشۈرمەيدۇ.

يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان، مۇخبىر بېيجىڭ شەھىرىدىكى 10غا يېقىن بەدەنگە چەكمە چېكىش دۇكىنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ دۇكانلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بەدىنىگە چەكمە چېكىشتە قاتتىق بولغان ياش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايقىدى.

 

بىر قىسىم چەكمە چېكىش دۇكانلىرى ئىشلىتىۋاتقان بوياق ۋە يىڭنىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، زاۋۇت نامى ۋە ئىشلەپچقىرىلغان ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلىرى يوق.

نۆۋەتتە بەدەنگە چەكمە چېكىشتە ئاساسلىقى ئېلېكتىرو ماشىنا ئارقىلىق سىياھلىق يىڭنىنى يۇقىرى چاستوتىدا تېرىگە سانجىپ كىرگۈزۈپ، نەقىش ۋە رەڭ قالدۇرۇپ چەكمە چېكىلىدۇ. لېكىن مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر قىسىم چەكمە چېكىش دۇكانلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان يىڭنىنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، بوياق ماتېرىيالىنىڭ سىرتقى ئورالمىسىدا گەرچە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈش بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇت نامى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇن قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ جەزمەن خەنزۇچە كۆرسەتمىسى بولۇشى كېرەك. بۇ بوياقلارنىڭ زاۋۇت نامى، ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى يوق بولۇپ، مۇئەييەن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بەدەنگە چەكمە چەكتۈرگەندە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان يىڭنىنى ئىشلەتكەندە ئاسانلا تېرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاڭ يەنكۇن مۇنداق دېدى: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بەدەنگە چەكمە چېكىش ئارقىلىق يۇقۇشى مۇمكىن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەنگە چەكمە چېكىش جەريانىدا بوياق ماتېرىياللىرى تېرە ئاستىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولغاچقا، تېرىگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن. بوياقلارنىڭ تەركىبىدىكى ماتېرىياللار ئوخشاش بولمايدۇ، ناچار بوياقلاردا ئېغىر مېتاللار بولۇشى مۇمكىن. ئېغىر مېتاللار تېرىدە ئۇزاق مۇددەت ساقلانسا تېخىمۇ ئېغىر غىدىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، راك پەيدا قىلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا يەنە بەدەنگە چەكمە چەكتۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن چەكمىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن نەچچە مىڭ يۈەن، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر بەدەنگە چېكىلگەن چەكمىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولسا ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا ئادەتتە لازېر نۇر بىلەن چەكمە ئۆچۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 4-5 قېتىم ئۆچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۆچۈرۈشنىڭ ئارىلىقى ئۈچ ئاي بولىدۇ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا تولۇق ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بىر قىسىم چەكمە چېكىش دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىكى تىجارەت دائىرىسى پەقەت ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش بىلەنلا چەكلىنىدىغان بولۇپ، بەدەنگە چەكمە چېكىشتىن ئىبارەت بۇ تۈر يوق ئىكەن، داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى تېخىمۇ يوق ئىكەن، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھەممىسى بەدەنگە چەكمە چېكىش ۋە بەدەندىكى چەكمىنى يۇيۇش قاتارلىق تۈرلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ.

بىر قىسىم ئاتالمىش بەدەنگە چەكمە چېكىش دۇكانلىرى ئەمەلىيەتتە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكانلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا بەدەنگە چەكمە چېكىش ۋە بەدەندىكى چەكمىنى يۇيۇش تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئاتالمىش چەكمە چېكىش ئۇستىسى دېيىلگەنلەر بولسا ئەمەلىيەتتە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش ئۇستىلىرىدۇر. يۇقىرىقى رەسىمدىكى بۇ ئەرمەك ھايۋانلار دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسىمۇ بەدەنگە چەكمە چېكىش ۋە بەدەندىكى چەكمىنى يۇيۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە بەدىنىڭىزگە چەكمە چەكتۈرەمسىز؟

تېرە ئادەم بەدىنىنىڭ تەبىئىي توسۇقى بولۇپ، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى، ھالبۇكى بەدەنگە چەكمە چەكتۈرۈش