ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېلىقنى رەڭدە بوياپ ساتقان قارا نىيەت جازاغا ھۆكۈم قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:13

 

بەزىلەر بېلىقنى تېخىمۇ كۆپ پۇلغا سېتىش ئۈچۈن 

بېلىقنى رەڭلىدى، سوت مەھكىمىسى 

بۇ قىلمىشقا ھۆكۈم چىقاردى!

سېرىق گوربىل بېلىقى دۇڭخەي دېڭىزىدىكى 

ئۆزگىچە بېلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى، 

ئۇنىڭ رەڭگى سېرىق، گۆشى يۇمشاق، 

تەمى مەززىلىك بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ 

ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 

بۇ خىل بېلىقنىڭ رەڭگى قانچە سېرىق، 

قانچە پارقىراق بولسا شۇنچە يېڭى ۋە 

ساپ بولىدىكەن، راست شۇنداقمىدۇ؟

بۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىڭ! 

ھەشەمەتلىك «سېرىق تون» 

بەلكىم رەڭ بېرىش ئارقىلىق 

پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن!

يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى جياۋجياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ۋاڭ xxنىڭ سانائەت بوياق ماتېرىيالى «شاتارى» بىلەن سېرىق گوربىل بېلىقىنى بوياپ سېتىشتىن ئىبارەت جىنايى ئىشلار دېلوسىنى قاراپ چىقتى.

 

دېلو جەريانى

 

ۋاڭ xx تەيجوۋ شەھىرى جياۋجياڭ رايونىدىكى مەلۇم سەي بازىرىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان سودىگەر بولۇپ، ئۇ 2021-يىلى 7-ئايدا يول بويىدىكى بىر يايمىچىنىڭ سېرىق گوربىل بېلىقىنى رەڭدە بوياپ سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ۋاڭ xx تەپسىلىي كۆزەتكەندىن كېيىن، رەڭ بېرىلگەن سېرىق گوربىل بېلىقىنىڭ تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ، ئىلگىرىكىدىن پارقىراق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

ۋاڭ xx بۇ يايمىچى بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، بېلىقنى بوياشتا ئىشلەتكەن ماتېرىيالنىڭ دەل ئادەتتە «شاتارى» دەپ ئاتىلىدىغان سانائەت بوياق ماتېرىيالى ئىشقارلىق ئاپېلسىن رەڭ Ⅱ ئىكەنلىكىنى، بۇ ماددىنىڭ دۆلەتنىڭ «يېمەكلىككە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قوشۇش ئېھتىماللىقى بولغان غەيرىي يېمەكلىك ماددىلار تىزىملىكى»دە قوشۇش ئېنىق مەنئى قىلىنغان غەيرىي يېمەكلىك ماددىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ۋاڭxx نىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن يول بويىدىكى بۇ يايمىچى ئېشىپ قالغان ئاز مىقداردىكى «شاتارى»نى ۋاڭxx كە بەرگەن.

«شاتارى»نى ئالغاندىن كېيىن، ۋاڭ xx يول بويىدىكى يايمىچى ئۆگەتكەن ئۇسۇل بويىچە، رەڭگى سۇسراق بولغان سېرىق گوربىل بېلىقلىرىنى بويىغان.

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ۋاڭ xx ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا يايمىدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان. ئۇ تەلەي سىناش نىيتىدە بىلەن سېتىۋاتقان سېرىق گوربىل بېلىقلىرىنى بويىغان. ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بازاردىكى يايمىچىلارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن، ۋاڭ xx ساقلاپ قويغان «شاتارى» ۋە سۇغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىنكى «شاتارى» بويىقى نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن.

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋاڭxx نىڭ يايمىسىدا سېتىلغان 1.105 كىلوگىرام سېرىق گوربىل بېلىقىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، تەركىبىدىن ئىشقارلىق ئاپېلسىن رەڭ Ⅱ تەكشۈرۈپ چىقىلغان، مىقدارى ھەر كىلوگىرامىدا 0.2 مىللىگىرامغا يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 

قاراپ چىقىش ئەھۋالى

 

تەيجوۋ شەھىرى جياۋجياڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلوغا قاراپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار ۋاڭ xx ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكلەرگە زەھەرلىك، زىيانلىق بولغان غەيرىي يېمەكلىك خام ماتېرىياللىرىنى ئارىلاشتۇرغان، ئۇنىڭ قىلمىشى زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەزكۇر دېلودىكى باشقا جازا ئۆلچەش ئەھۋاللىرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئارقىلىق، جاۋابكار ۋاڭ xxكە زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى، قوشۇمچە 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ ياكى شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى مەنئى قىلىندى.

نۆۋەتتە، مەزكۇر ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى.

زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى دېگىنىمىز ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار دۆلەتنىڭ يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكلەرگە قەستەن زەھەرلىك، زىيانلىق بولغان غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسى قوشۇش ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق بولغان غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسى ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش دۆلەتنىڭ يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغىمۇ ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.

يۇقىرىقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارنى سادىر قىلسىلا، مەيلى زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسۇن ياكى چىقارمىسۇن، ھەممىسى ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئاممىسىنىڭ تاماق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈن، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىگە جىنايى قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ «كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش بۇيرۇقى» تەتبىقلىنىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە جازالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ.

 

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، 

يېمەكلىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى 

ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان سودىگەرلەر 

ئازغىنە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ 

جىنايەت يولىغا ماڭماڭلار، بولمىسا 

جىنايى جازاغا ئۇچراش بىلەن بىرگە 

كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىڭلاردىن 

ئايرىلىپ قالىسىلەر!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېلىقنى رەڭدە بوياپ ساتقان قارا نىيەت جازاغا ھۆكۈم قىلىندى

نۆۋەتتە، مەزكۇر ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولدى.