ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ بۇ ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇمات

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-08-04 10:16

8-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە،

شىنجاڭدا بىر مەيدان ئاجىز ھۆل-يېغىن ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

1-ئاۋغۇست سەھەر، ئۈرۈمچى، قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىدا ئالتۇن نۇرىنى چاچماقتا. ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى 

 

ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان كۈنلەرگە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھەپتە تاغلىق رايوندىن باشقا جايلاردا ھۆل-يېغىن كۆپ بولمايدۇ، يەنە ئىللىق ھاۋا ماسسىسىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، داۋاملىشىش دائىرىسى ۋە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن قارىغاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جەريانى تېخىمۇ مۆتىدىل بولىدۇ. 

مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاۋغۇست (دۈشەنبە) كۈندۈزدىن 6-ئاۋغۇست (شەنبە)قىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئارىلاپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلاردا بەش بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8-9 بالغا يېتىدىكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاۋغۇست (چارشەنبە)دىن 7-ئاۋغۇست (يەكشەنبە)قىچە، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا-شەرقىي قىسمى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئۇدا 35-37 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن.

شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ نۇقتىلىق ئەسكەرتىشى: كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر، قىسقا ۋاقىت كۈچلۈك ھۆل-يېغىن قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، قىسمەن جايلاردا يىغىندى يامغۇر مىقدارى كۆپ، قىسمەن جايلاردا ئارىلاشما كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گۈمۈرۈلۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

 

ئۈرۈمچى

سانجى

ئالتاي

غۇلجا

چۆچەك

قاراماي

كورلا

شىخەنزە

بورتالا

قەشقەر 

ئاتۇش 

قۇمۇل

ئاقسۇ 

تۇرپان 

خوتەن

 

ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئاساسەن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ ھەمدە پات-پات ئاجىز ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدۇ، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر مۇقىم، ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، مۆلچەرلىنىشىچە، كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30~35 سېلسىيە گىرادۇس، كۈنلۈك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 20~24 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىي ۋە مىدۇڭ رايونىدا چارشەنبە كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە قىسقا ۋاقىتلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، شەھەر ئاممىسىنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئەسكەرتىمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭنىڭ بۇ ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن مەلۇمات