غۇلجا ساياھىتى ۋاقىتلىق توختىتىلدى!
2-ئاۋغۇست شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئۆلكە ھالقىغان ساياھىتىنى «ۋاقىتلىق توختىتىش» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن:
غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ساياھەت كوپىراتىپى ۋە تور ساياھەت كارخانىلىرى شۇ جايغا كىرىپ چىقىدىغان ئۆلكە ھالقىغان ئۆمەك ساياھىتى ھەم «ئايروپىلان بېلىتى+مېھمانساراي» كەسپىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ!
ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونى قالمىغاندىن كېيىن، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە تور ساياھەت كارخانىلىرى غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىگە كىرىپ چىقىدىغان ئۆلكە ھالقىغان ئۆمەك ساياھىتى ھەم «ئايروپىلان بېلىتى+مېھمانساراي» كەسپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.