شىنجاڭ 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش مەخسۇس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىللىق كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاش ۋە مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش، چىقىم قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا، شىنجاڭ يېقىندا 300 مىليون يۈەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش مەخسۇس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا 2021-يىللىق كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلىغان ۋە مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش، چىقىم قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان شىنجاڭ، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا مەخسۇس مۇكاپات بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېرىشكەن 300 مىليون يۈەن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مۇكاپاتنى نۇقتىلىق ھالدا 2021-يىلى مەركەز خامچوتى ئىچىدە كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سېلىشنى بىرقەدەر ياخشى ئىجرا قىلغان باي ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، شايار ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق 23 ناھىيە، شەھەرنى قوللاش ئۈچۈن، مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىلەن بىرلىكتە كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش شەرتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بالدۇر قۇرۇلۇش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى شەكىللەندۈرۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىدىكەن ۋە ئۇنى ياخشىلايدىكەن.