ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇنداق نومۇرلاردىن تېلېفون كەلسە ھەرگىز ئالماڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 16:01

 

بۇ خىل تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى 00 دىن ياكى + دىن باشلانغان تېلېفونلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى «كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى» خىزمەتچى خادىمى دەپ ئاتىشىدۇ ۋە «يېقىندىن ئۇچراشقۇچى» ئىكەنسىز، ئايرىش ۋە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشىڭىز كېرەك، دەيدۇ. ئەگەر يېقىندىن بۇيان مۇشۇ خىل تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز ھوشيار بولۇڭ، دەرھال ئۈزىۋېتىڭ، بۇ ئالدامچىلارنىڭ ھىيلىسى بولۇشى مۇمكىن! 

يېقىندا، شېنجېندىكى بىرقانچە شەھەر ئاھالىسى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، شۇ خىلدىكى تېلېفوننى ئالغاندىن كېيىن ئالدامچىنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بانكا كارتىسىدىكى پۇلنىڭ باشقىلارنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىلىپ كەتكىلى تاس قالغانلىقىنى ئېيتقان.

 

1

 

شېنجېنلىق بىر ئايال مۇشۇ خىلدىكى تېلېفوننى قوبۇل قىلىپ ئالدامچىلىققا ئۇچرىغان، ئارقىدىن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان

 

2022-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، شېنجېن شەھىرى گۇاڭمىڭ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق گاۋ خانىم 00 دىن باشلانغان بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى شېنجېن شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ ئاتاپ، گاۋ خانىمنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى توغرا دەپ بەرگەن ھەمدە گاۋ خانىمغا نامىدىكى بىر يان تېلېفون نومۇرىنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا سىكاننېرلاش خاتىرىسى بارلىقىنى، ھازىر يېقىندىن ئۇچراشقۇچى دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى، خالىيراق بىر جايغا بېرىپ ساقلاپ تۇرۇشنى، ئايرىپ كۆزىتىشكە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

گاۋ خانىم ئۆزىنىڭ شاڭخەي شەھىرىگە بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇ چاغدا قارشى تەرەپ سىزنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىڭىزنى باشقىلار سۈيئىستىمال قىلىپ يان تېلېفون كارتىسى بېجىرگەن بولۇشى مۇمكىن، تېلېفوننى شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە ئۇلاپ بېرەي، دېلو مەلۇم قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئېنىقلاڭ دېگەن.

ئارقىدىن ئۆزىنى شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىسى دەپ ئاتىۋالغان بىر چېن فامىلىلىك كىشى 5 + دىن باشلانغان نومۇرنى ئىشلىتىپ گاۋ خانىمغا تېلېفون قىلىپ، گاۋ خانىمدىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەكرار سوراپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، گاۋ خانىمغا باشقىلار ئۇنىڭ نامىدا يان تېلېفون كارتىسى بېجىرىپلا قالماي، يەنە بۇ يان تېلېفون كارتىسىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا گاۋ خانىمغا جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

گاۋ خانىم ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى بىر كۆۋرۈك ئاستىغا كېلىپ، تېلېفونىنى كەلگەن تېلېفوننى يۆتكەش، ئاۋارە قىلماسلىق ئەندىزىسىگە تەڭشىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر خىل يىغىن ئېچىش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ قارشى تەرەپ بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، ئېكراننى ھەمبەھرىلىگەن. سىن كۆرۈنۈشىدە قارشى تەرەپ «ساقچى فورمىسى» كىيگەن بولۇپ، ئۇ «ساقچى كىنىشكىسى»نى ھەمدە تۆۋەندىكى سۈرەتلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك گاۋ خانىمنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى، «تۇتۇش بۇيرۇقى» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ، گاۋ خانىمدىن «مەبلەغ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش»كە ئاكتىپ ماسلىشىپ، بانكا كارتىسىدىكى ئامانەت پۇلىنىڭ قانۇنلۇق تاپاۋەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلغان.

گاۋ خانىم ھەمبەھرىلەنگەن تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنى يوللىغان ھەمدە يان تېلېفون بانكىسى پىروگراممىسىغا كىرىپ، پۇل تۇتۇپ قېلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بايقىغان ۋە ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

 

2

 

00 دىن باشلانغان تېلېفوندا قارشى تەرەپ سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنىڭ كودى «قىزىل كود» بولۇپ قاپتۇ، ئايرىپ كۆزىتىشكە ماسلىشىشىڭىز كېرەك، دېگەن. ئۇ ئايال ئالدىنىپ قالغىلى تاس قالغان

 

يېقىندا شېنجېندىكى شيا خانىم 00 دىن باشلانغان بىر تېلېفوننى قوبۇل قىلغان، قارشى تەرەپ ئۆزىنى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى دەۋالغان بولۇپ، شيا خانىمنىڭ «چاڭشا شەھىرى»دىكى يۇقۇم خەۋپى بار رايونغا بارغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى، شيا خانىمنىڭ ساغلاملىق كودى «قىزىل كود» ئىكەنلىكى، ئايرىپ كۆزىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

شيا خانىم ئۆزىنىڭ يېقىندا باشقا جايغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، قارشى تەرەپ شيا خانىم نامىدىكى تېلېفون كارتىسىنىڭ مەلۇم رايونغا بارغانلىق خاتىرىسى بارلىقىنى ئېيتقان ھەمدە تېلېفون كارتىڭىزنى باشقىلار ئىشلىتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن. 

جىددىي پەيتتە، شيا خانىم قارشى تەرەپتىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورىغان. تېلېفون ئۇرغان ھېلىقى «كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ خادىمى» ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى «ساقچى»لارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆپ ئۆتمەي ئۆزىنى «ساقچى» دەپ ئاتىۋالغان بىر ئادەم شيا خانىم بىلەن ئالاقىلەشكەن. «ساقچى» شيا خانىمنىڭ تېلېفون كارتىسىنى جىنايەت شايكىسى ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دېگەن. ئۇ يەنە «بۇ كارتا كۆپ سوممىلىق ئالدامچىلىققا چېتىلىدۇ، ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش كېرەك، شۇڭا ھازىر باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلماڭ» دېگەن.

ئۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تەھدىت سېلىشى بىلەن شيا خانىم قارشى تەرەپنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆيدىن چىقىپ خالىي بىر جايغا بارغان. قارشى تەرەپ سىنلىق سۆزلىشىش ئارقىلىق شيا خانىمنىڭ يان تېلېفونىدا مەشغۇلات قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان، شيا خانىم ئالدى بىلەن ئىككى APP نى چۈشۈرگەن ھەمدە تەلەپ بويىچە ئېكراننى ھەمبەھرىلەش ئىقتىدارىنى ئاچقان، قارشى تەرەپ يەنە شيا خانىمنى «توردا دېلو بېجىرىش QQ توپى»غا ئېلىپ كىرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى، ھېسابات نومۇرىنى توڭلىتىش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق «دەلىل-ئىسپات»لارنى كۆرسەتكەن، شيا خانىم قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ، ئۆزىنى ئاقلىغان ۋە بۇ «ساقچى»نىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشقان. 

ئۇ بانكا ھېسابات نومۇرىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ئۈلگۈرۈپ كەلگەن ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ساقچىسى ئۇنىڭ يان تېلېفونىنى تارتىپ ئېلىۋالغان، شۇنداق قىلىپ ساقچىلار بۇ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قالغان.

ساقچىلار ئەسكەرتىدۇكى 

بۇ خىل تېلېفونلارنى ئۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچى، ئالدامچىلىق شايكىلىرى جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلارغا يېقىندىن ئەگىشىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدامچىلىقى» بىلەن «ج خ، تەپتىش، سوت ئورۇنلىرىدىكى خادىملار قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ئالدامچىلىقى»نى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرى كۈچلۈك، ئەمما ئۇلارنىڭ قىلتاقلىرى ئۆزگەرگىنى يوق، ئۇلار «يېقىندىن ئۇچراشقۇچى سۈپىتىدە ئايرىپ كۆزىتىلىسىز، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلدىڭىز» دەپ قايمۇقتۇرىدۇ. «تۇتۇش بۇيرۇقى» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش، «APP چۈشۈرۈش »نى، «تېلېفون ئېكرانىنى ھەمبەھرىلەشنى» تەلەپ قىلىش، QQ، ئۈندىدار توپىغا ئېلىپ كىرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ قوللىنىپ، قارشى تەرەپنى ھېساباتتىكى پۇلىنى بىخەتەر ھېساباتقا يۆتكەشكە يېتەكلەيدۇ. 
ساقچىلارنىڭ ئەسكەرتىشى:
1) 00 ۋە + دىن باشلانغان «يۇقۇم»غا مۇناسىۋەتلىك تېلېفون ۋە قىسقا ئۇچۇرلار (00 ۋە+دىن باشلانغانلىرىنىڭ ھەممىسى چېگرا سىرتىدىكى نومۇرلار)؛
2)  ئۆزىنى ساقچى دەپ ئاتىۋېلىپ سىنلىق سۆزلىشىشنى، يانفون ئېكرانىنى ھەمبەھرىلەشنى تەلەپ قىلىش (ساقچىلارنىڭ مۇنتىزىم دېلو بېجىرىش ئۇسۇلى بۇنداق بولمايدۇ)؛
3) ئېنىق بولمىغان قىسقا ئۇچۇردىكى تور ئادرېسىنى چېكىشنى، بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش (بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلارنىڭ بېلىق تۇتۇش ئۇلانمىسى). 
4) نامەلۇم ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش، بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىش (بانكا كارتىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالدىراپ تولدۇرماسلىق كېرەك! ) 
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق! ! ! 
ئۇنداقتا، يۇقۇمغا دائىر تەكشۈرۈش تېلېفونى بىلەن ئالدامچىلىق تېلېفونىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز: 

ناتونۇش ئۇلىنىشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى خالىغانچە چەكمەڭ، شەخسىي ئۇچۇر، بانكا كارتىسى، دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاسانلا باشقىلارغا ئاشكارىلىماڭ، پۇل-مېلىڭىزغا چېتىلىدىغان ھېسابات يۆتكەشتە چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىنچىكە دەلىللەپ قارار قىلىڭ!

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇنداق نومۇرلاردىن تېلېفون كەلسە ھەرگىز ئالماڭ

بۇ خىل تېلېفونلارنىڭ ھەممىسى 00 دىن ياكى + دىن باشلانغان تېلېفونلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى «كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش