ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يامغۇر ئارىلاش قار+بوران! شىنجاڭدا كۈز تىنچىقى ئاياغلاشتى!

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 16:03

 

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، «كۈز تىنچىقى» ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسەتتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا تەخمىنەن℃35قا ئۆرلىدى، قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن ئېشىپ كەتتى. ئەمما، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە بۈگۈن «كۈز  تىنچىقى» غايىب بولۇپ، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى.

سۈرەت: 12-سېنتەبىر، ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ئەتىگەندىلا ھاۋا تۇتۇلۇپ، پۈتۈن شەھەردە يامغۇرنىڭ شەپىسى كۆرۈندى.

 

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ھاۋا رايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە شىنجاڭغا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئىككى نۆۋەت بۆسۈپ كىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن «كۈز تىنچىقى» مەزگىلىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا سېلىشتۇرغاندا تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، كۈز پەسلىگە خاس ھاۋا رايى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدىكەن. 

مۆلچەرلىنىشىچە، 13-سېنتەبىر (بۈگۈن) كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشان تاغلىق رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن). بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋەياكى قار ياغىدىكەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كۆپ قىسىم رايونلاردا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا 12 بالدىن 13 بالغىچە بوران چىقىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا تېمپېراتۇرا 5℃~8℃ تۆۋەنلەيدىكەن.

13-سېنتەبىر (بۈگۈن) كەچ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى، 8~9 بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 14-سېنتەبىر (چارشەنبە) كېچىدىن 15-سېنتەبىر (پەيشەنبە) گىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونى، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋەياكى قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى رايونلاردا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 9-10 بالغا يېتىدىكەن، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدىكەن. شۇڭا، بوران، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىنىڭ شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

سۈرەت: 12-سېنتەبىر سائەت 14تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچىدە سىم-سىم يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تېز تۆۋەنلىدى.

 

ئوتتۇرا ئاسىيا تۆۋەن ئوقۇرلۇق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز شەرققە سۈرۈلۈشىنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، بوران چىقتى. تۆۋەن تېمپېراتۇرا 16-سېنتەبىر سەھەرگىچە داۋاملىشىدۇ، سوغۇقتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

14-سېنتەبىر (چارشەنبە) كېچىدە ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، ئېگىز تاغ بەلبېغىدا قار ئارىلاش ياغىدۇ؛ بۇ ھەپتە ئىچىدە ئاساسىي شەھەر رايونىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17~℃23بولىدۇ، بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8~℃10 بولىدۇ. 

سۈرەت: 12-سېنتەبىر سائەت 13 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگو رايونىدىكى كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالغان ئاھالىلەر ھۆل چىغىر يولدا ماڭماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، سىرتقا چىققان شەھەر ئاھالىلىرى كۈزلۈك كىيىملىرىنى كىيىشتى.  

سۈرەت: 12-سېنتەبىر سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، يامغۇر شىرىلداپ ياغدى، ئۈرۈمچى شىسەن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا، ئاھالىلەر كۈنلۈك كۆتۈرۈپ دۇكانغا مال سېتىۋالغىلى كېتىۋاتماقتا.

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى دياۋ پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ھەپتە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى كۈز  پەسلىگە رەسمىي كىرىدىكەن.

سۈرەت: 12-سېنتەبىر سائەت 13 ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگو رايونىدىكى كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالغان ئاھالىلەر ھۆل چىغىر يولدا ماڭماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، سىرتقا چىققان شەھەر ئاھالىلىرى كۈزلۈك كىيىملىرىنى كىيىشتى. 

 

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كىلىمات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكى كۈز پەسلىگە كىرىش ۋاقتى 1-سېنتەبىرنىڭ ئالدى-كەينىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل ئالدىنقى مەزگىلدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ تەسىرىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۈز پەسلى ھەقىقىي تۈردە باشلانمىغان.

سۈرەت:12-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە يامغۇر ياغدى، يىراقتىكى ئېگىز بىنالار تۇمان ئىچىدە غۇۋا كۆرۈنەتتى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسى پاختىكار دوستلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: 12-سېنتەبىر شىمالىي شىنجاڭدىكى پاختا رايونلىرى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم پاختا رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىدىكى بىر قىسىم پاختا رايونلىرىدا ھاۋا رايى يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى چېچىشقا ماس كەلمەيدۇ،  13-سېنتەبىر قاراشەھەر ئويمانلىقى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر قىسىم پاختا رايونلىرى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پاختا رايونلىرىدا ھاۋا رايى يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسى چېچىشقا ماس كەلمەيدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يامغۇر ئارىلاش قار+بوران! شىنجاڭدا كۈز تىنچىقى ئاياغلاشتى!

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، «كۈز تىنچىقى» ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسەتتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا