ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشكە دائىريېڭى سىياسىتى ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 16:48

 

ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈش سىياسىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، 15 يىلدىن ئاشقان شەخسىي ئاپتوموبىللار يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىلىدۇ

مۇخبىرنىڭ 15-سېنتەبىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش مۇددىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئون يىل ئىچىدىكى تىجارەت قىلمايدىغان كىچىك، مىكرو يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەكشۈرۈش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئىككى قېتىمغا تەڭشىلىدىكەن، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللار ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ج خ قاتناش تارماقلىرىغا تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالىدىكەن؛ مۇددىتى 15 يىلدىن ئاشقان ئاپتوموبىللارنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش تۈزۈمى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشىلىدىكەن. 

بۇ ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى تەدبىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدا تىجارەت قىلمايدىغان كىچىك، مىكرو يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى (توققۇز ۋە توققۇز كىشىلىكتىن تۆۋەن، مىنىبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئەسلىدىكى 10 يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش (6-، 8-، 10-يىلى) ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى (6-، 10- يىلى) ھەمدە ئەسلىدىكى 15 يىلدىن كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى؛ موتوسىكلىتلارنى ئەسلىدىكى 10 يىل ئىچىدە بەش قېتىم تەكشۈرۈش (6-يىلدىن 10-يىلغىچە ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈش) 10 يىل ئىچىدە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەلدى (6-، 10- يىلى)، 10 يىلدىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈلىدۇ. 

ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قاتناش باشقۇرۇش ئەپى «12123» ئارقىلىق ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئورنى ۋە ۋاقتىنى ئالدىن كېلىشىش، ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، ئۆز نامىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تەكشۈرۈش كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ؛ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇددىتىنى ھېسابلىغۇچ» ئەپچىسىنى لايىھەلەپ ئېلان قىلدى، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىلنى رويخەتكە ئالدۇرغان ۋاقىتقا ئاساسەن تەكشۈرۈش مۇددىتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. يۈك ئاپتوموبىلى ئىگىلىرى ئالاقە تورىدىكى يول تىرانسپورتىغا دائىر خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمەت سىستېمىسى، «يول تىرانسپورتىغا دائىر مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» ئۈندىدار ئەپچىسى ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا يول تىرانسپورت كىنىشكىسىنى يىللىق تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت تەرتىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشتە «ئاپتوموبىل ئاچقۇچىنى مۇلازىمەتچى خادىملارغا تاپشۇرۇش»تىن ئىبارەت قولاي مۇلازىمەت بېجىرىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭدا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى خادىملىرى مەسئۇل بولۇپ بىر قېتىمدىلا بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىدۇ؛ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت زالى، مۇلازىمەت كۆزنىكى، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار يېڭى ئاپتوموبىللارنى ئالتە يىل ئىچىدە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، يۈك ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرۈشتە «ئۈچ تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش» قاتارلىق كۆپ قېتىملىق ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىدا تەرتىپ يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، تەننەرخ تۆۋەنلىتىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپتوموبىل تەكشۈرۈشكە دائىريېڭى سىياسىتى ...

ئاپتوموبىل تەكشۈرتۈش سىياسىتىدە يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، 15 يىلدىن ئاشقان شەخسىي ئاپتوموبىللار يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىلىدۇ