ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاپتوموبىلنى سىزىۋەتكەن ئوقۇغۇچىغا مۇنداق «جازا» بېرىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-22 09:50

يېقىندا، جېجياڭنىڭ لىشۈيدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر شەخسىي ئاپتوموبىلنى سىزىۋىتىپ قالدى. ئويلىمىغان يەردىن  ئاپتوموبىل  ئىگىسى «تۆلەم» ئورنىغا ئىككى يۈرۈش ئىمتىھان قەغىزى تەلەپ قىلدى.

 

ئوقۇغۇچى ئېھتىياتسىزلىقتىن شەخسىي ئاپتوموبىلنى سىزىۋەتكەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن  كەچۈرۈم سوراش خېتى قالدۇردى

ئاپتوموبىل ئىگىسى شۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىرتقا چىقماقچى بولغىنىدا ئاپتوموبىل ئەينىكىنىڭ ئۈستىگە چاپلاقلىق تۇرغان بىر پارچە كىچىك قەغەزنى  كۆرگەن.

ئەسلىدە، بىر ئوقۇغۇچى ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇ پىكاپقا سۈركىلىپ كېتىپ، كەچۈرۈم سوراش خېتى قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ زىياننى تۆلەپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرغان ئىكەن. خەتنى كۆرگەن  شۈ ئەپەندى ماشىنىنىڭ سول ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ، ئىككى ئۇزۇن سىزىلغان ئىزنى  كۆرگەن.↓

شۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ ئەھۋالدىن سەل ھەيران قالغان. خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ناھايىتى ساپالىق ئىكەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن. شۇ چاغدا ئاپتوموبىلىدا گەرچە سىزىلغان ئىز بولسىمۇ، ئاچچىقىنىڭ يېنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.

ئاپتوموبىل  ئىگىسى «تۆلەم» ئورنىغا ئىككى يۈرۈش ئىمتىھان قەغىزى تەلەپ قىلغان

شۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتوموبىلنى رېمونت قىلىشقا ئاز دېگەندە 600 يۈەن كېتىدىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ قەغەزدىكى ئۇچۇر بويىچە ئوقۇغۇچى بىلەن ئالاقىلاشقان، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىبۇرۇن تۆلەمنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئويلىشىپ بولغان، ئەمما ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم بۇ يەردىن ۋېلىسىپىت مىنىپ ئۇچقاندەك ئۆتىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوقۇغۇچىغا كىچىككىنە ئىبرەت بېرىشنى لايىق كۆرگەن.

شۈ ئەپەندى ئوقۇغۇچى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغان. شۈ ئەپەندى ئۇنىڭ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقنىڭ  قىز ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆلەمنىڭ ئورنىغا ئىككى يۈرۈش ئىمتىھان قەغىزى تەلەپ قىلغان. شۈ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇنداق قىلغاندا جازالاش ھەم  ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

قىزچاق «جازا»نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچتە ئىككى يۈرۈش مەشىق توپلىمى سېتىۋېلىپ، تولۇق ئىشلەپ رەسىمگە تارتىپ شۈ ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەرگەن. شۈ ئەپەندى ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنى ماختىغان ھەم ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كىيىن بىخەتەرلىككە چوقۇم دىققەت قىلىشنى، ياخشى ئوقۇشنى تاپىلىغان.

بۇ ئىشتىن كېيىن شۈ ئەپەندى ئاپتوموبىلىنى رېمونتقا بەرگەن.

تورداشلار ئارقا-ئارقىدىن ئۇلارنى ئالقىشلىدى:

«بۇ ئوقۇغۇچى ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان ئىكەن، ئاپتوموبىل ئىگىسىمۇ مېھرىبان كىشى ئىكەن»

«بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىبرەت  دەرسى بوپتۇ»

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاپتوموبىلنى سىزىۋەتكەن ئوقۇغۇچىغا مۇنداق «جازا» بېرىلدى

ئوقۇغۇچى ئېھتىياتسىزلىقتىن شەخسىي ئاپتوموبىلنى سىزىۋەتكەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەچۈرۈم سوراش خېتى قالدۇردى