ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بىر ئائىلىدىكى بەش جاندىن تۆتى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-27 08:32

24-سېنتەبىر «بىر ئائىلىدىكى تۆتەيلەندىن ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بايقالدى، بالا ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىپ كەتتى» دېگەن خەۋەر توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

 

خېنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى پىروگراممىسىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، جېڭجۇدىكى ئالتە ياشلىق مىڭمىڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) زىققا كېسىلى جىددىي قوزغىلىپ نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقاندا، قورسىقى تۇيۇقسىز ئاغرىپ، ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىپ كەتكەن. دوختۇرلار تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەي يولىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان.

مىڭمىڭنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جاندىن تۆتەيلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانىكەن.

دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ بالىلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى چوڭلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ، چوڭلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقتىن، ئۆزئارا يۇقۇش خەتىرىمۇ بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن. بالىلارنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ناچار بولغاچقا، كۆپىنچىسى ئائىلىدىكى توپلىشىشتىن يۇقۇملىنىدىكەن.

ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، ئەگەر ئۆزىڭىز ياكى ئائىلىدىكىلىرىڭىزنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بەك قورقۇپ كەتمەڭ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنسىڭىزلا بولىدۇ.

70%تىن ئارتۇق ئاشقازان راكىنىڭ يۈز بېرىشى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك

ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى (قىسقارتىپ«HP» دېيىلىدۇ) بىلەن يۇقۇملىنىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ دىققەتنى تارتقان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ بىر خىل ئاشقازاندا پارازىتلىنىپ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇنى راك پەيدا قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزگەن، %70 تىن ئارتۇق ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان بۇ خىل باكتېرىيەنىڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ خىل باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بىرلىكتە غىزالىنىش ئادىتى شارائىتىدا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ئارا تارقىلىشى گەۋدلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئائىلىدە بىرەيلەن كېسەل بولسا، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر يۇقۇملىنىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. تەكرار يۇقۇملىنىش بىمار ۋە بىمارنىڭ ئائىلىسىگە زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، يەنە داۋالاشقا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئېغىزدىن ئېغىزغا ياكى «گەندىدىن ئېغىزغا» يۇقىدۇ، بولۇپمۇ «ئېغىزدىن ئېغىزغا» يۇقۇشى كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشنى توسۇشتا قورۇمىلارغا ئايرىم چوكا، ئايرىم قوشۇقلارنى ئىشلىتىش ناھايىتى ياخشى چارە بولۇپ، كەڭ قوللىنىشقا ئەرزىيدۇ.

خاڭجۇ شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ھەزىم ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ياڭ جيەنفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن، قورۇمىلارغا بىردەك ئايرىم چوكا، ئايرىم قوشۇق ئىشلىتىش ياكى ئايرىم غىزالىنىش كېرەك.»

ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى نېمە ئۈچۈن راك پەيدا قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ؟ بۇنى بىلمەكچى بولسىڭىز مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشىگە قاراڭ:

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بىر ئائىلىدىكى بەش جاندىن تۆتى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولدى

24-سېنتەبىر «بىر ئائىلىدىكى تۆتەيلەندىن ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بايقالدى، بالا ئاغرىق ئازابىدىن تولغىنىپ كەتتى» دېگەن خەۋەر توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.