جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى داۋاملىق رېكورت يېڭىلىدى
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 145 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇردى.
تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، ئالاتاۋ ئېغىزى، قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدا قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 8701 قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شىنجاڭ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈش رېكورتىنى داۋاملىق يېڭىلىغان.