ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​يېڭى بايقاش! ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي يۈرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-28 15:16

 

  ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىن قالغان بىر پارچە بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ تاشقاتمىسىدىن بىر يۈرەك جىسىمىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ يۈرەك ھازىرغىچە 380 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي يۈرەك ھېسابلىنىدىكەن.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار بۇ تاشقاتمىنى سىكاننېرلىغاندا يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان ۋە ئۈچەي قاتارلىق تاشقا ئايلانغان ئىچكى ئەزالارنى بايقىغان. تەتقىقات دوكلاتى ئەڭ يېڭى نەشر قىلىنغان «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىغا بېسىلغان. 

بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلگىنى ئاۋسترالىيەدىكى غەربىي ئاۋسترالىيە مۇزېيىدا تارتىلغان «گوگو بېلىقى» نىڭ تاشقاتمىسى. 

 

تاشقاتمىغا ئايلانغان بۇ بېلىق تۈرى غەربىي ئاۋسترالىيە ئىشتاتىنىڭ قاقاس دالا رايونى كىمبېرلېيدىكى «گوگو» تاش قاتلىمىدىن بايقالغانلىقى ئۈچۈن «گوگو بېلىقى» دەپ ئاتالغان. گوگو بېلىقى نەسلى يوقالغان قاتتىق قاسراقلىقلار تۈرىنىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. قاتتىق قاسراقلىق بېلىقلارنىڭ ئاستى-ئۈستى ئېڭىكى ۋە چىشى بار، تەخمىنەن سىلۇر دەۋرىدىن دېۋون دەۋرىگىچە ياشىغان. بۇ خىل بېلىق يەر شارىدا 60 نەچچە مىليون يىل ياشىغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇنقى دىنازاۋۇردىنمۇ 100 مىليون يىل بۇرۇن ياشىغان. 

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېگەن: بۇ بايقاش ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ قان پومپىسى ئەزالىرى تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىنى يورىتىپ بەرگەن. سىكاننېرلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، گوگو بېلىقىنىڭ يۈرىكىدە ئىككى يۈرەك قېرىنچىسى بولۇپ، ئاستى-ئۈستىگە ئورۇنلاشقان. بۇنداق يۈرەك قۇرۇلمىسى ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن بۇنداق يۈرەك قۇرۇلمىسى يۈرەكنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشىغا ماسلاشقان بولۇپ، ھەرىكىتى ئاستا بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە يۆتكىلەلەيدىغان ئوۋلىغۇچىلارغا ئايلىنىشىدىكى ئاچقۇچلۇق قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي ھايۋانلارنىڭ يۇمشاق ئەزاسى. تاشقا ئايلانغان جىسىم شەكىللەنگەندە، ئادەتتە پەقەت ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، يۇمشاق توقۇلمىلىرى بولمايدۇ. بىراق، بۇ تاشقاتما بايقالغان جايدىكى ئالاھىدە مىنېرال ماددا بېلىقنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ تاشقاتمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ساقلاپ قالغان.

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​يېڭى بايقاش! ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي يۈرەك

ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرى تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردىن قالغان بىر پارچە بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ تاشقاتمىسىدىن بىر يۈرەك جىسىمىنى بايقىغان بولۇپ،