ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى نوپۇس 218 مىليوندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 08:36

مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرەققىيات يىرىك پىلانى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ چاڭيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2021-يىلى، ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 10.9 يىلغا يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 1.0 يىل ئاشتى. 

بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغانلار %24.9 بولۇپ، 2012-يىلىدىكىدىن 10.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە نوپۇس 218 مىليوندىن ئېشىپ، خەلقنىڭ ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئەقلىي تىرەككە ئىگە قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. 

ليۇ چاڭيا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئون يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. 2021-يىلى مەملىكەت بويىچە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلار سانى جەمئىي 3 مىليون 332 مىڭغا يېتىپ، 2012 -يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇۋاتقان دوكتور ئاسپىرانت 509 مىڭ كىشى، «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت 1 مىليون 954 مىڭ كىشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ %58.7 ىنى ئىگىلىدى. دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، «ئاساسنى كۈچەيتىش پىلانى»غا جەمئىي 18 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىندى، ئاساسىي پەنلەردىكى سەرخىل ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئاساسىي پەنگە ئاتلىنىشقا جەلپ قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالىي مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى نوپۇس 218 مىليوندىن ئاشتى

مائارىپ مىنىستىرلىقى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا تونۇشتۇردى.