ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ دۆلەت پۇلىنىڭ «شەكلىنى ئۆزگەرتىش»كە باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-29 08:38

ئەنگلىيە خان جەمەتى پۇل بېسىش زاۋۇتى ۋە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى يېڭى پادىشاھ چارلېس Ⅲنىڭ سۈرىتى بېسىلغان تەڭگە ۋە قەغەز پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىپ، ۋاپات بولغان ئايال پادىشاھ ئىلزابىت Ⅱنىڭ سۈرىتى بېسىلغان پۇلنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ جەريانغا نەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن.

خان جەمەتى پۇل بېسىش زاۋۇتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاننى جېسوپ مۇنداق دېدى: «چارلېس Ⅲ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ سۈرىتى بېسىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تەڭگە بانكا ۋە پوچتا ئىدارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوبوروت ساھەسىگە كىرىدۇ. يېڭى پادىشاھنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇل بىلەن ئىلزابىت Ⅱنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگە پۇل بۇنىڭدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە ئەنگلىيەدە تەڭ ئوبوروت قىلىنىدۇ».

خان جەمەتى پۇل بېسىش زاۋۇتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى بازارلاردا ئىلزابىت Ⅱنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىدىن تەخمىنەن 27 مىليارد دانە بولۇپ، يېڭى تەڭگىگە پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇپ بولۇشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. 

ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى ئىنگلاند بانكىسى شۇ كۈنى، چارلېس Ⅲنىڭ سۈرىتى بېسىلغان قەغەز پۇلنىڭ 2024-يىلى ئوبوروت ساھەسىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگلىيە خان جەمەتى پوچتا شىركىتىمۇ ئۆزى تارقاتقان ئادەتتىكى پوچتا ماركىسىنىڭ رەسىمىنى يېڭىلاشنى پىلانلىدى. چارلىز Ⅲنىڭ سۈرىتى بېسىلغان پوچتا ماركىسى ئىلزابىت Ⅱنىڭ سۈرىتى بېسىلغان پوچتا ماركىسىنىڭ قالدۇقى تۈگىگەندىن كېيىن ئوبوروت قىلىنىدىكەن.

ئىلزابىت Ⅱنىڭ سۈرىتى بېسىلغان بارلىق پۇل ۋە پوچتا ماركىلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.

ئېلزابېت Ⅱ مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ 1952-يىلى پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، 70 يىل تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئەنگلىيە تارىخىدىكى تەختتە ئولتۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن پادىشاھ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلزابىت Ⅱگە 1953-يىلى تاج كىيدۈرۈلگەندىن بۇيان، ئەنگلىيە بۇ ئايال پادىشاھنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بەش خىل تەڭگىنى تارقاتقان. ئەنگلىيە قەغەز پۇلىغا 1960-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ سۈرىتى ئىشلىتىلگەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ دۆلەت پۇلىنىڭ «شەكلىنى ئۆزگەرتىش»كە باشلىدى

ئەنگلىيە خان جەمەتى پۇل بېسىش زاۋۇتى ۋە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى يېڭى پادىشاھ چارلېس Ⅲنىڭ سۈرىتى بېسىلغان تەڭگە ۋە قەغەز پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىپ، ۋاپات بولغان ئايال پادىشاھ ئىلزابىت Ⅱنىڭ سۈرىتى بېسىلغان پۇلنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ جەريانغا نەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن.