ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«قىلتىرىقسىز» بېلىق دۇنياغا كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-05 10:01

2021-يىلى، ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى كوللېكتىپى بېلىق قىلتىرىقىنى كونترول قىلىدىغان گېننى تاپقانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ، بېلىقنى قىلتىرىقىدىن ئەنسىرىمەي يېگىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ خەۋەر توردا ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى سۇ مەھسۇلاتلىرى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى گاۋ زېشيا كوللېكتىپى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكادېمىكى گۇي جيەنفاڭ كوللېكتىپى يېسسى بېلىقى، ئوتخور بېلىق ۋە كۈمۈش تاپان بېلىقىنىڭ تېنىدىن بېلىق قىلتىرىقىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلىدىغان ئاساسىي ئۈنۈملۈك گېننى تاپقان. تەجرىبە ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن بىرىنچى ئەۋلاد ئارىلاشما تەنچە (F0 ئەۋلاد)لىك قىلتىرىقى ئاز بېلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالى ياخشى، نورمال بولۇپ، ياشاش ئادىتى ئادەتتىكى قىلتىرىقلىق بېلىقتىن پەرقلەنمەيدىكەن.

ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى سۇ مەھسۇلاتلىرى شۆيۈەنىنىڭ 27-سېنتەبىر ئېلان قىلغان يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ مەكتەپتىكى گاۋ زېشيا كوللېكتىپى پۈتۈنلەي قىلتىرىقسىز ۋۇچاڭ بېلىقى (تومباش بېلىق) بېلىجانلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنى كۆپەيتىپ بېقىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇلار تەجرىبە ئارقىلىق ئېرىشكەن بىرىنچى ئەۋلاد ئارىلاشما تەنچە (F0 ئەۋلاد)لىك قىلتىرىقى ئاز بېلىقتىن پايدىلىنىپ، ئەركەك-چىشى بېلىقلارنى چۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق پۈتۈنلەي قىلتىرىقسىز ۋۇچاڭ بېلىقى (تومباش بېلىق) بېلىجانلىرى (F1 ئەۋلاد)نى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، كېلەر يىلى قىلتىرىقسىز بېلىقنى ئىرسىيەت جەھەتتە مۇقىملاشتۇرۇپ كۆپەيتىش خىزمىتى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇلىدىكەن. نورمال تەرتىپ بويىچە بولغاندا، يېڭى ئۇرۇق پىلازمىسىنىڭ شەكلى ۋە خۇسۇسىيىتى مۇقىملىشىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشكە بولىدىكەن.

يۇقىرىقى سۈرەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېغىرلىقى 51.1 گىرام كېلىدىغان قىلتىرىقسىز ۋۇچاڭ بېلىقى بىلەن ئوخشاش ئۇزۇنلۇقتىكى قىلتىرىقلىق ۋۇچاڭ بېلىقىنى سېلىشتۇرساق، سىرتقى كۆرۈنۈشىدە ھېچقانداق پەرق يوق.

ئەمما، X نۇرىدا تەكشۈرگەندە ئۇلارنىڭ روشەن پەرقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنى قىلتىرىقلىق ۋۇچاڭ بېلىقىنىڭ تېنىدە توغرىسىغا قاتار-قاتار ئۆسكەن، نۇرنىڭ تەسىرىدە پارقىراپ تۇرغان قىلتىرىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، قىلتىرىقسىز ۋۇچاڭ بېلىقىنىڭ تېنىدە بۇ خىل ئەھۋال تامامەن كۆرۈلمەيدۇ.

رەڭ بېرىلگەن ئىسكىلىت سۈرىتىدە بېلىق قىلتىرىقىنىڭ بار-يوقلۇقى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان بولۇپ، قىلتىرىقلىق ۋۇچاڭ بېلىقىنىڭ ئىسكىلىت ئارىلىق مۇسكۇللىرىدىكى قىلتىرىقلار ئىنتايىن زىچ كۆرۈنىدۇ، ئەمما قىلتىرىقسىز ۋۇچاڭ بېلىقىنىڭ ئىسكىلىت ئارىلىق مۇسكۇللىرىدا ھېچقانداق قىلتىرىق يوق.

گاۋ زېشيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بۇ يىل كۆپەيتكەن قىلتىرىقسىز ۋۇچاڭ بېلىقىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى ياخشى، نۆۋەتتە تېخىمۇ كۆپ سىناق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، قىلتىرىقسىز بېلىق يېتىلدۈرۈش تەجرىبىسى ۋۇچاڭ بېلىقىدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ قالماي، باشقا خىلدىكى بىلىقلاردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. مەسىلەن، بەزى مۇتەخەسسىسلەر گاۋ زېشيا ئەترىتى بايقىغان قىلتىرىقسىزلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە گېننى ئوخشاش بولمىغان بېلىق تۈرلىرى تېنىگە گىرگۈزۈپ تەجرىبە قىلغان. ئوتخور بېلىق بىلەن كۈمۈش تاپان بېلىقىنىڭ بەدىنىدە تەجرىبە قىلىنغاندىن كېيىن، بېلىق قىلتىرىقىنىڭ ئۆسۈشى چەكلىنىپ، F0 ئەۋلاد ئاز قىلتىرىقلىق بېلىق ھاسىل بولغان، مۇسكۇل قىلتىرىقىنىڭ ئازىيىش نىسبىتى %50 كە يەتكەن. شۇڭا ھازىرقى تەتقىقات سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە قىلتىرىقسىز بېلىق يېيەلەيمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«قىلتىرىقسىز» بېلىق دۇنياغا كەلدى

2021-يىلى، ئوتتۇرا جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى كوللېكتىپى بېلىق قىلتىرىقىنى كونترول قىلىدىغان گېننى تاپقانلىقىنى جاكارلىدى،