ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ سېلىشتۇرما سۈرەتلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-10-05 10:12

يېقىندا، 11 يىل بۇرۇن تاغلىق كەنتتىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش يولىدا تارتىلغان سۈرەتلەر بىلەن بۈگۈنكى سۈرەتلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئېلان قىلىندى، بۇ سۈرەتلەر نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى

11 يىل ئىلگىرى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ يېزىسى پىل كەنتىدىكى بالىلار مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن مۇزلۇق كېچىكلەردىن، تىك قىيالاردىن، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىشقا توغرا كېلەتتى، 110 كىلومېتىرلىق يولنى تۆت كېچە-كۈندۈز ماڭاتتى. ئۇ چاغدا، بالىلارنىڭ «ئاسانراق ماڭغىلى بولىدىغان بىر يولغا ئېرىشىش»تىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇسى بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردىكى تىك يار يولى ئازادە تاغ تاشيولىغا ئايلىنىپ، بالىلار تاغلىق رايوندىن چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان يول راۋانلاشتى، بالىلار مەكتەپكە بارغاندا تاغ-داۋانلاردىن ئاشمايدىغان بولدى

 

2011-يىلى 9-ئايدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىش يۈرۈشلۈك پىروگراممىسىدا پىل كەنتىدىكى يېزا كادىرلىرىنىڭ بالىلارنى يېتەكلەپ ناھىيە بازىرىغا ئېلىپ بېرىش جەريانى خاتىرىلەندى.

كەنت ناھىيە بازىرىدىن 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بارىدىغان 80 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە يول يوق ئىدى، پەقەت پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. شۇ قېتىمقى مەكتەپكە بېرىش سەپىرىدىكى 70 نەچچە كىشىلىك قوشۇندا 42 بالا بولۇپ، ئەڭ كىچىكى ئاران 6 ياشتا ئىدى. ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر، ئېگىزلىكى 300 مېتىر كېلىدىغان تىك يارنىڭ ئەڭ تار يېرى تاپاننىڭ يېرىمىچىلىكلا كېلەتتى، تىك يار ئاستىدا يەكەن دەرياسى ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇراتتى، چوڭلار يول بويى قول تۇتۇشۇپ بالىلارنى قوغداپ ماڭاتتى.

شۇ چاغدا مۇخبىر بالىلاردىن قانداق ئارزۇلىرى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار بىردەك: «ئاسانراق ماڭغىلى بولىدىغان بىر يولغا ئېرىشكۈمىز بار» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

بۇ چاتما خەۋەر تارقىتىلغاندىن كېيىن، پىل كەنتىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش ھېكايىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئايان بولدى. پىروگرامما تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قاتمۇقات جىلغىلار ئارىسىدىن يول ئېچىشقا كىرىشتى، 2013-يىلى قۇم-شېغىللىق يول ياسالدى، 2015-يىلى يەكەن دەرياسىغا پىل كەنتى كۆۋرۈكى سېلىندى، 2019-يىلى يېڭى ئاسفالت يول كەنت ئېغىزىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى. 11 يىلدا، بالىلارنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى، ئەينى يىلى تۆت كېچە-كۈندۈز كېتىدىغان بۇ مەكتەپكە بېرىش يولىنى بۈگۈنكى كۈندە ئاپتوموبىل بىلەن تۆت-بەش سائەتتىلا بېسىپ بولغىلى بولىدىغان بولدى، ئەينى يىلى سىرتقا چىقىش يولىنى توسۇپ تۇرغان چوڭ تاغ بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىكىلەرنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمايدىغان بولدى.

بالىلار تاغدىن چىقىپ كەڭ زېمىنغا ئاتلاندى

 

ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ، بالىلار چوڭ بولدى، ئەينى يىلى «ئاسانراق ماڭغىلى بولىدىغان بىر يولغا ئېرىشكۈم بار» دېگەن باھارگۈل بۈگۈنكى كۈندە ياردەمچى ساقچى بولدى، نۇرغۇن بالىلار تاغلاردىن ھالقىپ تېخىمۇ كەڭ كىشىلىك ھاياتقا ئىگە بولدى.

بۇ 11 يىلدا، پىل كەنتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، 2021-يىلى كەنت ئاھالىسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى ناھىيە بازىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىندى، كەنتتە قېپقالغان ئاھالىلەر ئۆيىدە باقمىچىلىق ۋە تىككۈچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنداقلا يول قوغدىغۇچى، چېگرا قوغدىغۇچى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، نەتىجىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى ئىلگىرىكى بىر-ئىككى مىڭ يۈەندىن ھازىرقى ئون نەچچە مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى.

بۇ 11 يىلدا، بالىلارنىڭ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى، پىل كەنتى ئېغىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە قەدەم قويدى.

پىل كەنتىگە بەخت تىلەيمىز! پىل كەنتىنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىشىگە تىلەكداشمىز!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ سېلىشتۇرما سۈرەتلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ

يېقىندا، 11 يىل بۇرۇن تاغلىق كەنتتىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش يولىدا تارتىلغان سۈرەتلەر بىلەن بۈگۈنكى سۈرەتلەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئېلان قىلىندى،