ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20 گىرام ئالتۇنغا ئاران 2000 يۈەن تۆلەم بەردى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 10:35

 

يېقىندا تارقالغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خاڭجۇدىكى بىر خېرىدار شۈنفېڭ شەھەر ئىچى تېز يەتكۈزۈش يوللانمىسىدىن قىممىتى 8000 يۈەن كېلىدىغان 20 گىرام ئالتۇننى جىددىي يەتكۈزۈشكە ھاۋالە قىلىپ، كاپالەت سوممىسىنى 8000 يۈەن دەپ يازغان. ئويلىمىغان يەردىن تېز يەتكۈزگۈچى بۇ ئالتۇنلارنى يوقىتىپ قويغان، شۈنفېڭ تېز يوللانمىسى پەقەت 2000 يۈەن تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئارقىدىن بۇ خەۋەر قىزىق ئىزدەلگەن تېمىلار قاتارىغا كىرگەن.

13-سېنتەبىر، شۈنفېڭ تېز يوللانمىسى مۇخبىرلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10-سېنتەبىر بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىز دەرھال خېرىدارغا ياردەملىشىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلار مۇلازىمىتى بويىچە تۆلەم بېرىش تەرتىپىنى ئىشقا سالدۇق. 13-سېنتەبىر 8000 يۈەن كاپالەت سوممىسى بويىچە ئالدىن تۆلەم بەردۇق. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىزدىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ تىرىشىشى بىلەن، خېرىدارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئالتۇنى 13-سېنتەبىر ئىزدەپ تېپىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر خېرىدار 10-سېنتەبىر شۈنفېڭ شەھەر ئىچى تېز يەتكۈزۈش يوللانمىسى ئارقىلىق 20 گىرام كېلىدىغان ئالتۇننى خاڭجۇ شەھىرى گۇڭشۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خېرىدارنىڭ ئۆيىگە توشۇتقان. بۇ ئالتۇنلارنىڭ بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندىكى قىممىتى تەخمىنەن 8000 يۈەن كېلىدىغان بولغاچقا، خېرىدار ئالايىتەن كاپالەت سوممىسىنى 8000 يۈەن دەپ مەلۇم قىلغان. كېيىن تېز يەتكۈزگۈچى خېرىدارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مالنى تاپشۇرۇۋالغان ۋە سۈرەتكە تارتقان.

تەخمىنەن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، تېز يەتكۈزگۈچى خېرىدارغا تېلېفون قىلىپ ئالتۇننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. خېرىدار مۇنداق دېدى: ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ ئالتۇننى چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا سالغانلىقى، كېيىن چاپىنىنى موتوسىكلىتىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇپ ھاجەتخانىغا بارغانلىقى، ھاجەتخانىدىن يېنىپ كەلگەندە بولسا يانچۇقىدىكى ئالتۇننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلدىم. قارشى تەرەپ ماڭا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئارقىدىن ماڭا ئارانلا 2000 يۈەن تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى، تۆلەم بېرىش تارماقلىرىغا داۋاملىق ئىنكاس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«كاپالەت سوممىسى 8000 يۈەن تۇرسا، نېمىشقا ئارانلا 2000 يۈەن تۆلەم بېرىدىكەن؟» خېرىدار تۆلەم سوممىسىغا قايىل بولمىغاچقا، شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسى 12345غا ئەرز قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. شۈنفېڭ تېز يوللانمىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 10-سېنتەبىر بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىز دەرھال خېرىدارغا ياردەملىشىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خېرىدارلار مۇلازىمىتى بويىچە تۆلەم بېرىش تەرتىپىنى قوزغاتتۇق. 13-سېنتەبىر 8000 يۈەن كاپالەت سوممىسى بويىچە ئالدىن تۆلەم بەردۇق. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىزدىشى، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ تىرىشىشى بىلەن، خېرىدارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئالتۇنى 13-سېنتەبىر تېپىلدى.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20 گىرام ئالتۇنغا ئاران 2000 يۈەن تۆلەم بەردى؟