ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاڭشا شەھىرىدە بىر بىناغا ئوت كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-24 10:36

 16-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى جۇڭگو تېلېگرافى بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن قويۇق ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلدى. نەچچە ئون قەۋەت كېلىدىغان بىنا ئوت دېڭىزىغا ئايلاندى. ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن تېز سۈرەتتە ئۇلغىيىۋاتقان ئوتنى كونترول قىلدى، نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن تېلېگراف بىناسى چاڭشا شەھىرىنىڭ شەرقىي 2-ئايلانمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 2000-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ بىنانىڭ ئېگىزلىكى 218 مېتىر كەلگەچكە، ئىلگىرى چاڭشا شەھىرىدىكى  تۇنجى ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن ئاشقان بىنا بولغان. نۆۋەتتە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىقلىنىۋاتىدۇ.

خۇنەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ 16-سېنتەبىر سائەت 17 ئەتراپىدا تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 15:48 ئۆتكەندە، چاڭشا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزى فۇرۇڭ رايونى شەرقىي 2-ئايلانمىسىغا جايلاشقان جۇڭگو تېلېگرافى بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. تارماق ئەترەت دەرھال 17 ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى، 36 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 280 كوماندىر-جەڭچىنى نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتكەن، تارماق ئەترەتنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك قوماندانلىق ئىشتابى ھەرىكەتكە كەلگەن.

سائەت 16:00دە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق فۇرۇڭ رايونى خېخۇا باغچىسى تېلېگراف بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىغا ئوت كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئېگىزلىكى 218 مېتىر بولۇپ، يەر ئۈستىدە 42 قەۋەت، يەر ئاستىدە 2 قەۋەت ئىكەن.

 

نۆۋەتتە ئوت ئۆچۈرۈۋېلىندى، ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى ۋاقتىنچە ئېنىق ئەمەس.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاڭشا شەھىرىدە بىر بىناغا ئوت كەتتى