ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخىمۇ زورايتىلماقتا
●4-دېكابىردىن باشلاپ، ئېچىۋېتىش شارائىتى ھازىرلانغان چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ۋە پۈتۈن شەھەردىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
●5-دېكابىردىن باشلاپ، پۈتۈن شەھەردىكى سودا ۋە مۇلازىمەت كەسىپلىرى نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، بۇ چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى، سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىلىرى، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بازار ۋە كەسپىي بازارلار، ھەر خىل مېھمانساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا قاتارلىق ياتاق، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىنوخانا، چېنىقىش ئۆيى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، باغچا، مەنزىرە نۇقتىلىرى قاتارلىقلارمۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلىدۇ.