يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن قايتىدىن ئاتلىنايلى!
ئىستانسىمىز «يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن قايتىدىن ئاتلىنايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى
ئىستانسىمىز «يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن قايتىدىن ئاتلىنايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.
ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئۆتكۈزگەن 2023-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يولۋاس يىلىدا ئۇرغۇپ چىققان جۇشقۇن جاسارىتى، يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلىشتەك كۈچلۈك ئىرادىسى، ئېگىلمەس-سۇنماس غەيرىتىنى ئالقىشلىدى، توشقان يىلىدا يېڭى نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن قايتىدىن ئاتلىنىشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، بىزنىڭ يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ جاسارەتكە تولغان روھىي ھالەت بىلەن ئىش قىلىشىمىز، ئىگىلىك تىكلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىمىزگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا