ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى «شىنجاڭ ئامىللىرى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 09:41

چاغان ھارپىسى ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە سىز قايسى نومۇرنى ئەڭ ياقتۇردىڭىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئامىللىرىدىن قايسىلار بار؟ تۆۋەندە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە يۇغۇرۇلغان شىنجاڭ ئامىللىرىغا قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:

نىغمەت راخمان

نىغمەت راخمان، ئۇيغۇر، جۇڭگو تاراتقۇچىلىق داشۆسىنى پۈتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ پىروگرامما رىياسەتچىسى.

 

نىغمەت 2015-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چاغانلىق بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇ يىلقى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە بىزنىڭ بۇ «كونا دوستىمىز» يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى، بۇ نىغمەتنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە توققۇزىنچى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىشى.

ئەرپات

ئۇيغۇر، قەشقەردە تۇغۇلغان، جۇڭگو ھەممىباب رەپ ناخشىسى ساھەسىدىكى داڭلىق ئەر ناخشىچى.

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلىغان نومۇرى: «يۇرتۇم»

 بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى بىرقانچە مىللەتتىن بولغان مۇزىكانتلار بىرلىكتە ئورۇنلىدى، موڭغۇللارنىڭ ئات باشلىق غېجىكى، زاڭزۇلارنىڭ جامۇنيەن، دىچىڭ شيەنزى، قازاقلارنىڭ دومبۇرا، قۇبۇز قاتارلىق چالغۇلىرى سەھنىدە ياڭرىدى.

ئەرپات مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم بىز ئېلىپ كەلگەن ناخشا بىر قېتىملىق يېڭى بۆسۈش بولدى، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز ئېيتىدىغان مىسرالارنى ئورۇنلاپلا قالماي، يەنە ناخشىدىكى ئىككى بۆلەكنى ئۆزئارا ئۇلاپ ئېيتتۇق، تاماشىبىنلارغا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلدۇق.

 

ئېرسىن باقىت

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلىغان نومۇرى: «يۇرتۇم»

ئېرسىن باقىت، قازاق، ئالتاي شەھىرىدىن، ھازىر ئالتاي ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى بولغان يۇقىرى ئاۋازلىق قۇبۇز چالىدۇ، ئۇ يەنە بۇ رايوندىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قازاق ئاياللار چالغۇسى خۇمەينىڭ ۋارىسى.

 

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، 2021-يىلىدىكى «جۇڭگو چالغۇلىرى مەرىكىسى»نىڭ 4-بۆلۈمى سەھنىسىدە، ئېرسىن «مېنىڭ قۇبۇزۇم» ناملىق نومۇرىدا قۇبۇز ۋە ئاياللار خۇمەيى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق چالغۇ ئاۋازى، ھەممىباب مۇزىكا رىتىمىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان، بۇ نومۇر ئەينى چاغدا تور قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شۇ چاغدا بەزى تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ، ئېرسىننىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېيىشكەنىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلاندى.

مۇرال

مۇرال، قازاق، ئۈرۈمچىدىن، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى مۇزىكا شۆيۈەنى ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دومبۇرا ئوقۇتقۇچىسى، HAYA مۇزىكا ئەترىتىنىڭ دومبۇرا، گىتار ماھىرى.

 

شېرىنئاي گاۋ

 چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلىغان نومۇرى: «ئانا ۋە قىز».

شېرىنئاي گاۋ، ئۇيغۇر، بېيجىڭدا تۇغۇلغان، بېركلېي مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ھەممىباب ناخشا-مۇزىكا ناخشىچىسى، ئەسلىدىكى ئاياللار ناخشا ئېيتىش گۇرۇپپىسى−قاتتىق كەمپۈت قىزلار 303 ئۆمىكىنىڭ باشلىقى.

بۇ شېرىنئاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ خۇاڭ چىشەن بىلەن «ئانا ۋە قىز» دېگەن يېڭى ناخشىنى ئورۇنلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەسىرلىك لىرىك ناخشىدا بىر قىز بىلەن بىر ئانىنىڭ دىيالوگى بايان قىلىنغان.

 

رېزا

رېزا ئالىمجان، قازاق، بېيجىڭ كىنو شۆيۈنىنى پۈتكۈزگەن، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئايال ئارتىس، مودېل. 2022-يىلى، رېزا «تاغ-دەريالارغا مۇھەببەت» ناملىق فىلىمدە «لى شۈيخۇا»نىڭ رولىنى ئېلىپ، 33-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «فېيتيەن» مۇكاپاتى مۇنەۋۋەر ئايال رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئورۇنلىغان نومۇرى: «پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل ئۆستۈرگۈچىلەر».

«پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل ئۆستۈرگۈچىلەر» چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ مۇقەددىمىسى، «گۈل ئۆستۈرگۈچىلەر» (种花家) جۇڭخۇا ئائىلىسى (中华家) بىلەن ئاھاڭداش سۆز بىرىكمىسى بولۇپ، ناخشا جەريانىدا دالياڭ تېغى شىدې ناھىيەسى جۇڭبا كەنتىنىڭ گوگو خور ئۆمىكىدىكى بالىلار خۇشاللىققا ۋە ئۈمىدكە تولغان سۈزۈك، يېقىملىق ئاۋازى بىلەن خورغا تەڭكەش بولىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى «شىنجاڭ ئامىللىرى»

چاغان ھارپىسى ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە سىز قايسى نومۇرنى ئەڭ ياقتۇردىڭىز؟ بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئامىللىرىدىن قايسىلار بار؟ تۆۋەندە چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە يۇغۇرۇلغان شىنجاڭ ئامىللىرىغا قايتا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى: