ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يۇقۇم ئاخىرلاشتىمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-01 08:36

گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى 30-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، چاغان مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى

 

دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن تارقىلىش باسقۇچىغا كىردى

يىغىندا، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مى فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت كاپالىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلىدى، تېببىي خادىملار ۋە ھەر ساھەدىكى خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى مۇقىم ۋە تەرتىپلىك ئىشلەندى، «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا ب تۈردىكى يۇقۇمنى باشقۇرۇش تەدبىرى» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن تارقىلىش باسقۇچىغا كىردى، جايلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالى مۇقىم تۆۋەنلەش ھالىتىنى ساقلىدى.

مى فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغاندىن كېيىن قايتىش سەپىرىگە چىقىدىغانلار كۆپىيىدۇ، قاتناش قورالى قاتارلىق ئادەم زىچ سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش يەنىلا نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا باشتىن-ئاخىر دىققەت قىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. چېگرادىن كىرىدىغان-چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا، يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى ۋە ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەش كېرەك.

 

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى: بۇ قېتىم كۆرۈلگەن يۇقۇمدا تۈپى ئۆزگەرگەن يېڭى ۋىرۇس بايقالمىدى

جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ۋىرۇس كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن ساۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم كۆرۈلگەن يۇقۇمدا ئاساسلىقى BA.5.2، BF.7  دىن ئىبارەت ۋىرۇس تۈپلىرى كەڭ تارقالغان. ھازىرغىچە، كەڭ تارقالغان باشقا ۋىرۇس تۈپى بايقالمىدى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر يوللىغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىدىن 1421نى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلغان 11 تارمىقى بارلىقىنى بايقىدۇق، لېكىن بۇلار يەنىلا BA.5.2، BF.7دىن تەرەققىي قىلغان تارماقلار بولۇپ، تۈپى ئۆزگەرگەن يېڭى ۋىرۇس بايقالمىدى.

نۆۋەتتە چاغانلىق يولۇچى توشۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپلەرمۇ يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلايدۇ، كېيىنكى قەدەمدە بىز داۋاملىق ھالدا مەملىكەت بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تۈپ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى بىمارلار، ئېغىر كېسەللەر، قازا قىلغانلار ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تۈپ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى داۋاملىق تەكشۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا پورتلىرى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەنلەرگە قارىتا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تۈپ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ۋاقتىدا سىگنال بېرىمىز ھەمدە مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىمىز.

دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن %120.5 ئاشتى

دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سىياسەت ۋە قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىن يۇڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 28-يانۋار چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %120.5 ئاشتى.

21-يانۋاردىن 27-يانۋارغىچە بولغان چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى چېگرادىن كىرگەن-چىققان 2 مىليون 877 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى تەكشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن كىرگەنلەر 1 مىليون 434 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %123.2 ئاشقان؛ چېگرادىن چىققانلار 1 مىليون 443 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن %117.8 ئاشقان.

 

سودا مىنىستىرلىقى : چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاشخانىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى

سودا مىنىستىرلىقى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى گېڭ خۇڭجۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇشى، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، چاغان مەزگىلىدە تۇرمۇش مۇلازىمەت ئىستېمالى كۆرۈنەرلىك ھالدا قايتا جانلاندى. بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ جانلىنىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى. ئالاقىدار سۇپىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاشخانىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشقان، دۇكانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمالى %10.8 ئاشقان. ھارپا ئاخشىمىلىق تاماق ئىستېمالى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن داڭلىق يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ئايرىمخانىلىرى ئالدىن زاكاز قىلىنغان، ئادەتتىكى دۇكانلارنىڭ ئايرىمخانىلىرىنى زاكاز قىلىش نىسبىتى %200 كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشى باشقا جايدىكى يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، سىچۈەندە باشقا جايدىن كەلگەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىمغا يەتتى، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئىستېمال سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43 ئاشتى، يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالىغا قوشقان تۆھپىسى %47.6 كە يەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يۇقۇم ئاخىرلاشتىمۇ؟

دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن كىرگەن-چىققانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن %120.5 ئاشتى